سەن يوق
ھەركۈنى بىر سېنىلا ئويلاپ چىقاتتىم  ،
چۈنكى ياخشى كۆرەتتىم جېنىم سېنى ،
بىراق سەن يوق مېنىڭ يېنىمدا ئەمدى ،
سىلىيالمايمەن مەڭگۈ سېنىڭ چېچىڭنى ،
بېلىق سۇدىن ئايرىلسا ئۆلىدۇ دېدىڭ ،
نېمىشقا مېنى ئۆزۈڭ ئۆلتۈردۈڭ ؟ 
سەن يوق  مېنىڭ ئۆمۈر يولۇمدا ،
نېمە پەرقى سەنسىز ھايات يۈرگەننىڭ ؟
كېچە كېچىلەپ يىغلايمەن بەزەن ،
بىرگە يۈرگەن  شۇ كۈننى ئەسلەپ ،
سەن يوق يېنمدا تەسەللىيمۇ يوق ،
غېرىپسىنسام ئۆزۈمنى ئۆزۈم بەزلەپ ،
تۇيۇقسىزلا يوقالدىڭ غايىپ بولدۇڭسەن ،
شاماللار يىراققا ئۇچۇرۇپ كەتتىمۇ سېنى ؟
سەن يوق گۈلىستانمۇ قالدى قاغجىراپ ،
يۈرۈكۈم چاك-چاك يېرىلىپ كەتتى ،
تۆكۈلگەن ياشلىرىمغا كىرپىگىم گۇاھ ،
ھېچ كىشى بىلمەيدۇ تاتقان دەردىمنى ،
سەن يوق يېنمدا،مەن ئازاپ تاتقاندا ،
كىمگە دەيمەن بۇ دەرت ئازابىمنى ؟
ھەر كېچە يىغلاپ ئېسەدەپ ئولتۇرۇپ ،
قارايمەن تەنھا مۇڭسىرغان ئايغا ،
سەن يوق بۇ كېچە بەكمۇ غېرىبان ،
 ئۇخلاي دېسەم ئۇيقۇممۇ كەلمىدى ھەتتا ،
سەن يوق ،سىردىشىم ئايمۇ يوقالدى ئاستا ،
سوغۇق تام ھۇجىردا يىغلاپلا كۆنەيمۇ ئەمدى  ؟!
قاچانغىچە داۋاملىشار بۇ ،ئازاپلىق ھىجىران ؟
سەن يوق ھىجىران قوينىغا چۆكەيمۇ ئەمدى ؟!!
      
| 33 قېتىم كۆرۈلدى | kiziltuman | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-8-6 23:08:23 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
| 
 تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
 
  	www.yazghuqilar.com 
  	新ICP备15002323号 
  	
    
 |