ئازاب رەڭ تىلەك

ئۆتمەستىن خوشلىشىپ بىر كۈنمۇ تېخى،

پەرىشتەم قەدىرىڭ ئەجەب ئۆتۈلدى.

 نە بىر كۈن مىڭ يىلچە ئۆتتى بەك تەستە،

ئۇنتۇشنىڭ مەنزىلى داۋان تۇيۇلدى.

 

 ئۈمىدسىز رىئاللىق ،ئۈمىدسىز ھېسلار،

 بىچارە سۆيگۈمنى قىلدى كۆپ سەرسان.

ئۇنتۇشقا قەسەمياد قىلساممۇ تەكرار،

ئەھدىمدە تۇرۇشتىن قىپقالدىم گۇمان.

 

 تۇيغۇمدا مەن ئۈچۈن ھەممە كۆڭۈلسىز،

 قاياققا قارىماي ئازاب رەڭگىدە.

 كۈلمەكچى بولغانتىم تۆكۈلدى يېشىم،

 قىلغاندەك تۇرقۇمنى ئاچچىق مەسخىرە.

 

 ئەلەمدە چىشلىدىم لېۋىمنى تالاي،

 يۈرەكسىز رەھىمغا مەدەتلەر تىلەپ.

سەن بەلكىم بەختىڭگە تۇتاشقان يولدا،

يۈرگەنسەن مەۋھۇم بىر نىشاننى كۆزلەپ.

 

 مەيلىلا رازىمەن بەخىتلىك ياشا،

مۇڭسىراپ قالمىسۇن مەن سۆيگەن يۈرەك.

 پەرىشان دەملەرگە خوش دېگىن كۈلۈپ،

خۇشلۇقۇم يوق ئەمدى شۇنىڭدىن بۆلەك.

 





208 قېتىم كۆرۈلدى ئىپارگۈل ئوسمان ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-7-20 17:01:37  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-7-29 10:40:53 ھىجىران
بەك ياخشى يېزىپسىز 🌺🌺🌺🌺🌺🌸🌸🌸🌸 ماڭا بەكلا ياردى 👍👍👍👍👍 قۇلىڭىزغا دەت كەلمىسۇن👍
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ