ھاياتىمدا پەقەت سەنلا بار

ھاياتىمدا پەقەت سەنلا بار

 

ئابلىكىم غوپۇر ئوتقاش

 

 يۈرىكڭدىن مۇھەببەت بەرگەن،

 ماڭا ئاتاپ گۈلدەستە تەرگەن،

 جاپالاردا قول تۇتۇپ ئۆتكەن،

 ھاياتىمدا پەقەت سەنلا بار.

 

سېنىڭ بىلەن ھەر پەسىل باھار،

كۆزلىرىڭدىن شەربەت سۇ ئاقار،

ھەر كۈلكەڭدە مىڭ قۇياش يانار،

 ھاياتىمدا پەقەت سەنلا بار.

 

سېنىڭ بىلەن تاپىمەن سۈلكەت،

ساڭا باقسام قۇچىمەن نۇسرەت،

ياكى تارتاي ئالەمچە كۈلپەت،

 ھاياتىمدا پەقەت سەنلا بار.

 

يار كۆزۈڭگە تىكىلىپ باقتىم،

 گۈلبەرگىڭگە لېۋىمنى ياقتىم،

 بىرلا سەندىن بەختىمنى تاپتىم،

ھاياتىمدا پەقەت سەنلا بار.

 

2015-يىل 7-ئاي 22-كۈن





283 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-7-22 20:37:26  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-8-9 0:07:49 دۇلدۇلى
ياختۇردۇم يېقىملىق سۈزۈك ھىسلىرىڭىزدىن ئىلھام ئالدىم ئەينەك
2015-8-1 21:14:12 ئابلىكىم غوپۇر ئوتقاش
تورداشلارنىڭ بەرگەن باھالىرىغا تەشەككۈر
2015-7-31 23:38:52
سېئىر ياخشى يېزىلىپتۇ داۋاملىق ئالغا
2015-7-29 18:21:04 مەمەتجان
ياخشى
2015-7-29 11:29:35 ئ‍ابدكىرەم جام
بەك ياخشىى يېزىپسىز
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ