بىزنىڭ بۇرچىمىز
گۈلغۇنچەم سامساق
ئانىلار ؛ بىزنىڭ بۇرچىمىز پەزەنىتلىرىمىزنى دۆلىتىمىزگە ، مىللىتىمىزگە ياراملىق ئادەم قىلىپ چىقىش، بىزنىڭ بۇرچىمىز پەرزەنىتلىرىمىزنى ساغلام چوڭ قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ ساپ غۇبارسىز ئاق قەغەزدەك قەلبىگە توغرا خەتلەرنى يېزىپ قۇرلارنى تولدۇرۇش، ھەرگىزمۇ قارا چىكىت ياكى قالايمىقان جىجىشلار ئارقىلىق غۇبارسىز قەلىبلەرنى تۇنجۇقتۇرۋېتىش ئەمەس،
بىزنىڭ بۇرچىمىز پەرزەنىتلىرىمىزنىڭ ھازىرى ۋە كېلەچىكىگە مەسئۇل بولۇش، پەرزەنىتلىرىمىزنىڭ ھازرىغا ياخشى ئۇل سېلىپ كېلەچەكتە بىر گۈھەرگە ئايلاندۇرۇش، ئۇلار گۈھەر بولسا ئۇ بىزنىڭ تۆھپىمىز، بىراق كېلەچەكتە تام تۈۋىدىكى كېرەكسىز تاش بولسىمۇ ، ئۇمۇ بىزنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان مەجبۇرىيتىمىز،
بىزنىڭ مەسئۇلىيتىمىز ۋە مەجبۇرىيتىمىز بەكمۇ كۆپ، ئانىلار توختىماي تىرىشايلى، چۈنكى ئانىلار ساپالىق بولسا پەرزەنىتلەر ياراملىق بولىدۇ ئەمەسمۇ، ئۆزىمىز ئۆگىنەيلى پەرزەنىتلەرگە ئۆگىتەيلى،
پەرزەنىتلىرىمىز بىلىمسىزلىكتىن ، نادانلىقتىن تۇيۇق يوللارغا كىرىپ قارا زىنداندا ياتقاندا بۇ يۈرەكلەر ئېقىپ تۈگمەسمۇ، ئاشۇ نادانلىق ئۈچۈن بەدەل تۆلەۋاتقان پەرزەنىتلىرىمىزدىن ئۆكۈنمەي ئۆزىمىزدىن ھەسسىلەپ ئۆكىنەيلى ئانىلار،
چۈنكى پەرزەنىتلىرىمىز غۇبارسىز پاك ھالەتتە دۇنياغا كۆز ئاچىدۇ، ئۇلارغا ھەممىنى بىز بىلدۈرىمىز ئۇلارنىڭ تۇنجى ئۇستازى يەنىلا بىز، دېمەك ئۇلارنىڭ ھەرقانداق خاتالىقىنى بىزنىڭ خاتالىقىمىز دىيىشكە بولىدۇ، بىز ئۇلارغا توغرا تەربىيە بېرىپ بىلىم ئېلىشقا ئۈندەشتىن باش تارتىپ قانداقتۇر بىر نادانلىققا سۆرەپ كىردۇق،ئۇلاردا بىلىمنىڭ ئېغىر دەرىىجىدە كەملىكىدىن ئۆزىنى ھالەك قىلۋاتىدۇ، بىزنىڭ مىللىتىمىز بىلىمسىزلىكتىن بىر ئوچۇم داشقالغا ئايلىنىپ قېلۋاتىدۇ، بىز تۈزەلسەك مىللىتىمىز تۈزۈلىدۇ ئانىلار؛
…ھەي… ئانىلار بىز ئۆز بۇرچىمىزنى تۇنۇپ يەتكەندە قانچىلغان ياراملىق پەرزەنىتلەر يىتىشىپ چىققان بۇلاتتى ھە، بىز ئۆز بۇرچىمىزنى ھەقىقىي تۇنۇپ يەتكەندە بىزنىڭ مىللىتىمىزدىن ( بىلىمسىز، ساپاسز) دېگەن سۆزنى ئۆچۈرۋېتىشكە بۇلاتتى،
يۇقارقى پكىرلەر بارلىق ئانىلارغا قارىتىلغان ئەمەس، بىزنىڭ ناھايتى ئېسىل ساپالىق ئانىلىرىمىزمۇ بار ئۇلار بۇرچىىنى تۇنۇپ يىتەلىگەن، ساپالىق ئانىلار تەربىيەلىگەن پەرزەنىتلەرمۇ ناھايىتى ياراملىق ئىقتىساسلىق بولۇپ چىققان، بۇنداق مىساللار ھەربىرىمىزنىڭ ئەتراپىدا كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ،
دىمەك پەرزەنىتلىرىمىزنىڭ تەقدرى بىزنىڭ قولىمىزدا،
ئانىلار مائارىپقا، پەرزەنىتلىرىمىزگە كۆڭۈل بۆلەيلى، شۇندىلا بىر تۈركۈم ئىقتىساسلىقلار قوشۇنى مەيدانغا كېلىدۇ،
ئانىلارئەمدى ئويغۇنايلى … بۈگۈنكىدەك تەرەققىيات تىز، ئۇچۇرلاشقان دەۋردە توختىماي ئىزدىنەيلى،
دۆلىتىمىزنىڭ ، مىللىتىمىزنىڭ تەقدىرى بىزنىڭ قولىمىزدا،
بىز تەربىيلىگەن يارامىق پەرزەنىتلىرىمىز دۆلىتىمىزنىڭ شانى، مىللىتىمىزنىڭ شەرىپى…
172 قېتىم كۆرۈلدى | گۈلغۇنچەم سامساق | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-1-9 17:25:48 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|