‏سىنى سۆيىمەن

‏سىنى سۆيىمەن ‏

 

‏مىرزات ئېزىز ‏

 

چۈشەنگۈچە سەن پاك قەلبىمنى،

‏سەۋىر بىلەن سىنى كۈتىمەن.

 ‏ئىشەنگىن سەن بۇ چىن سۆيگۈمگە،

 ‏بىر ئۆمۈرگە سىنى سۆيىمەن.

 

‏ ‏ئېغىر كۈنلەر كەلسىمۇ باشقا،

 ‏سەن بولغاچقا كۈلۈپ يۈرىمەن.

 ‏جېنىم ئامان بولسىلا ھەرۋاخ،

 ‏گۈزەل يايرىم سېنى سۆيىمەن.

 

 ‏ ‏چۈشسە ئەگەر بېشىمىزغا كۈن،

 ‏سېنىڭ ئۈچۈن ئۈزۈم ئۆلىمەن.

 ‏خوشال ئۆتسۇن كۈنلۈرۈڭ جېنىم،

 ‏پەقەت بىرلا سېنى سۆيىمەن.

 

 ‏ ‏بەختىمىزنى تىلەپ خۇدادىن، ‏

شىرىن تاتلىق خىيال سۈرىمەن.

 ‏ئايرىمىسۇن بىزنى ئاللاھىم،

 ‏سەن نىگارنى دىلدىن سۆيىمەن. ‏

 

 ‏2015-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى





139 قېتىم كۆرۈلدى MIRZAT ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-26 19:25:41  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ