ئۇيغۇرۇمنىڭ تويلىرى
ئابدۇمىجىت ئىمام غۇلجا
مول دەستىرخان سېلىنغان ئۇيغۇرۇمنىڭ تويلىرى،
دوست قېرىنداش يىغىلغان ئۇيغۇرۇمنىڭ تويلىرى.
موبارەكلەپ تويلارنى بىرجۈپ ياشنىڭ بەختىنى،
تىلەپ دۇئا قىلنغان ئۇيغۇرۇمنىڭ تويلىرى.

ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ ئاشىق-مەشۇق يۈرەكلەر،
نىكاھ بىلەن چېتىلغان ئۇيغۇرۇمنىڭ تويلىرى.
كۆڭۈل ساناپ مىھماننى مەيلى يىراق -يىقىندىن ،
چىللاپ باغاق يېزىلغان ئۇيغۇرۇمنىڭ تويلىرى.

كەلسە قىزنى ئالغىنى بۇمۇ توينىڭ قىززىقى،
دەرۋازىسى تاقالغان ئۇيغۇرۇمنىڭ تويلىرى.
گارمون چېلىپ توۋلىغان شوخ-شوخ جېرنىڭ ساداسى،
مەھەللىگە تارقالغان ئۇيغۇرۇمنىڭ تويلىرى.

ئەتلەس كېيگەن قىزلىرى بادام دوپپا يىگىتلەر،
گۈل چاچقۇلار چېچىشقان ئۇيغۇرۇمنىڭ تويلىرى.
ئۇسسۇل ساما نازىركوم راسا چىقىپ ئەۋجىگە ،
كۈيلەرگە -كۈي قېتىلغان ئۇيغۇرۇمنىڭ تويلىرى.
2016/8/3
| 200 قېتىم كۆرۈلدى | ئابدۇمىجىت ئىمام | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-8-10 15:19:52 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|