يىگىتلەرگە نەسىھەت
يازغۇچى: دىيانەت
ساڭا قىلـسام نەسىـھەت دېققـىتىڭ بىـلەن،
قۇلاق سېلىپ سۈزۈمنى ئاڭلىغىن دوستۇم،
قىزلار بولـسا مىللەتنىـــڭ ئانىسى بىلسەڭ،
شۇڭـا يامان نىيەتتە بولمىغــــىن دوستۇم.
**
ئەگەر بىرسـى ئازدۇرســا ئاچا-سىڭلىڭنى،
سەنمۇ غەزەبلىنەمـسەن ئاڭلىغىن دوستۇم،
ئاشۇ ســاددا قىزلارمۇ ئاچاڭــغا ئوخشاش،
ئالماشتــۇرۇپ ئورنىـنى ئويلىغىن دوستۇم.
**
نەپسىڭ ئۈچـۈن بىچـارە قىزلارنـى بۇزساڭ،
بۇزۇلىدۇ مىـللەتمـۇ ئۇخمامســەن دوستۇم،
ھەر نەپەرسنـىڭ نەرسىـنىڭ سورىقى بارغۇ،
سورىقىدىن شۇلارنىڭ قوقمامسەن دوستۇم.
**
ئەقىلسىز قىپ ياراتقان ھايـۋانغا ئوخشاش،
ئوينــــىغــىلى دۇنيــاغا كەلگەنمـۇ دوستۇم.
بۇپتۇ ئوينا ئېي بەندەم ئەنسىرمىگىن دەپ،
تەڭرىم ساڭا رۇخسەتنى بەرگەنمۇ دوستۇم.
**
ياش ئاقـقـۇزما ھەرگـىزمۇ قىزلار كۆزىدىن،
قارغىشىــغا ئۇلارنىـڭ قالمـىغــىن دوستۇم.
خۇددى ئاچاڭ سىڭلىڭنى ئىززەتلىگەندەك،
شۇڭـا ھەممە قىزلارنى ئاسـرىغىن دوستۇم.
**
ئاپتور ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ
2016-12-14 كورلا
257 قېتىم كۆرۈلدى | DiyanaT | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-12-16 13:30:45 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-12-26 17:39:24 | تەكلىماكان |
ياخشى مەزمۈنكەن |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|