مىنىڭ ئائىلەم (نەسىر) - گۈلزىرە

مىنىڭ ئائىلەم (نەسىر) 

 گۈلزىرە


 مەن ئىنتايىن بەخىتلىك ،ئىنتايىن خۇشال .
مىنىڭ بەختىمنىڭ كۈلكەمنىڭ ساھىبى دەل مىنىڭ ئائىلەم .بۇ قىسقىغىنە بەش يىل ئىچىدە نۇرغۇن گۇزەل كۇنلەرگە،شىرىن ئەسلەملەرگە،مۇھەببەتلىك ھىسلارغا شاھىدى بولدۇم.
ھىلىمۇ ئىسىمدە يىڭى توي قىلغان چاغلاردا بىز چوڭ ئۆيدە تۇراتتۇق يولدىشىم ماشنا ھەيدىگەچكە بىز كۇندە دىگەندەك ئايلىنىپ كېلەتتۇق .مەن ئۇنىڭ بىلەن بىللە سىرتقا چىقىش ئۈچۈن ئۆيدىكلەرنىڭ تاماقلىرىنى شۇنداق تىز  تەييارلاپ  بىرەتتىم ،شۇ تەرىقىدە بىر يىرىم يىل شۇنداق شىرىن دەملەردە كەتتى.
ئەمدى بىزنىڭ ئۆز ئالدمىزغا كىچىك بىر ئائىلىمىز بولدى ،بۇ بىزنىڭ خۇشاللىق خانىمىز ئىدى ،بىز تىخمۇ ئەركىن بولدۇق بىز ئوينايدىغان ۋاقتلار بۇرۇنقىدىنمۇ كۆپەيدى .بىر ئائىلىدە تۇرۇپ مۇھەببەتلىشش شۇ قەدەر شىرىن ۋەلەززتلىك ئىدى.
كۇنلەر ئۆتىىۋەردى شىرىن چاغلار توساتتىن غايىپ بولغاندەك ئۆيۇمىزنى قارا بوران قاپلاپ كۈلكىمزنى قاياقىدۇر ئۇچۇرۇپ كىتۋاتقاندەك بولوشقا باشلىدى ،ئەسلىدە باشقىلار ھەۋەس بىلەن قارايدىغان بۇ ئائىلىمىز ئەمدى ئۇلارنىڭ مەسخىرسىگە قالغاندەك بولۋاتاتتى .
پەرزەنتىن ئىبارەت يەنەبىر بەختىنىڭ كەملىقنى سەزمەپتۇق دەسلەپ كۇنلەرنىڭ  شىرنلىكىدە سەزمىگەن بولساق ئەمدى شۇنچە زور تىرشچانلىق شۇنچە زور بەدەللەر بولسىمۇ يەنىلا بىر پەرزەنتىمىز يوق ئىدى ،يىغلاپ قاقشاپ كۇنلەرنى شۇنچە تەستە ئۆتكۇزۋاتاتتۇق توۋا  بۇرۇن كۇنلىرىمز شۇنچە تىز ئۆتۇپ كىتەتتى ،ئەمدى بۇ دەملەرنىڭ ئاستىلىقىغا توۋا دەيمەن خۇددى ۋاقىت ئىستىرىلكىسى توختاپ قالغاندەك قىلاتتى مەن ۋاقىت ئەمەس ھەتتا ھايات ئىستىرىلكىسنىڭ توختاپ قىلىشنى باشقىلارنىڭ سوغۇق نەزىرىدە قاراشلىرىغا  توختىماي كەمسىتىشلىرگە خاتىمە بىرىشنى ئويلايتتىم .
بىز ئاخىرى بالا بىقۋىلىش قارارىغا كەلدۇق ھىچ قينالمايلا قوش كىزەك بالىغا ئاتا ئانا بولدۇق ،بۇ جۈپ قىز گەرچە باشقىلارنىڭ بالسى بولسىمۇ بىزگە بىلنمەيتتى ،ئۇلارنى شۇقەدەر ياخشى كۆرەتتمكى ھەتتا يەنە بىر پەرزەنتىمىز بولوشنىمۇ خالىمايتىم چۇنكى پۇتۇن مىھىرىم بىلەن مۇش قوشماق قىزمنى  بىقىش قارارىغا كەلگەن ئىدىم.قىزلىرىم ماڭە تاتقان ئازاپلىرىمنى ئۇنتۇلۇردى،ماڭا قايتىدىن خۇشاللىقنى ھىس قىلدۇردى،كۇنلىرىمىز باللىرىمىزنىڭ چوڭ بولشىغا ئەگىشىپ تىخمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى ،ئالدىراشلىق كۈندىكى ھارغىنلىق ۋە خۇشاللىقلار ئىچىد تۇرۇپ ئۆزۇمنىڭ ھاملدار بولوپ قالغانلىقنىمۇ سەزمەپتىمەن .
بۇ خۇشاللىققا ھىچ نەرسە تەڭ ئەمەس ئىدى گەرچە جاپالىرىمىزغا يەنە بىر ئەزا قىتىلدىغان بولىسىمۇ مانا بۇ ئەزا ھەققى ۋارسىمىز ئەۋلادىمىز ئىدى .
ئۇزاق ئۆتمەي بىزنىڭ ئوغۇل  پەرزەنتىمىز بولدى يۇركىمىز خۇشاللقتىن يىرلىپ كىتەيلا دىدى.
گەرچە ياش پەرقى ئانچە چوڭ بولمىغان ئۈچ بالنى بىقىش  ھەقىقەتەن جاپالىق بولسىمۇ بىراق بىز يەنىلا خوشال ھەم بەختلىك.
ھەقىقەتەن بۇ بەختلەر ئاسان قولغا كەلگەن ئەمەس ،مەن ئائىلەمنىڭ تىخىمۇ بەختلىك بولوشنى ،بىر ئائىلە كىشلىرنىڭ تىخىمۇ خۇشال ياشىشنى ،تەستە ئىرشكەن باللرىمنىڭ ئىجىل ئىناق ئۆتۇشنى ئۇمۇد قىلمەن، مەن بۇ ئائىلەمنى سۆيىمەن.





171 قېتىم كۆرۈلدى gulzira ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-22 13:52:38  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ