ئاق چىچەك (شېئىر)
ياسىنجان سادىق
جۇت-زىمىستان قىش كىتىپ
كەلدى باھار،كۇلدى تەبىئەت،
تال چىۋىقتىن ئات ئىتىپ،
ئوينىشاتتى شوخ ئوماق باللار،
ئىلىلىق شامال،ئەگۇز سۇ،
ئىرىقلاردا ئوركەش ياسار،
ئويلەردە ئەتكەن كوك ئىشى،
تەنگە شىپا،ئىشتىھانى ئاچار،
سىنىڭ ھىدىڭ ۋىسالى بىھۇش
بەرگىڭ ئىدى بىر تىلەك،
زىمىن چىھرىدە كۇلسە قوياش،
كەل باھار دەپ چىللىغان چىچەك،
ئەي چىچەك،ئاپپاق چىچەك،
بولغاچ سەن، باھار گۇزەل،
سەن كەبى ھور كىلىنچەك
پەدازىسەن كەڭ تەبىئەتنىڭ،
سەن تاراتقان ھىد بىلەن،
خەندان ئۇرۇپ سايرار بۇلبۇل،
كوكلەم ناۋاسى بەيگىدە،
تىپچەكلەپ كىشنىشەر دۇلدۇل،
ھالال تەر ئەمگەك مىھنىتى،
بەركىتسەن جاپاكەش باغۋەننىڭ،
بەرگەچ سەن ھايات ھىممىتى،
سەن بىلەن ئىكەن تەقدىرداش،
قەلبىمدە بار بىر كويەك،
ئاق كومۇشتەك ئاپپاق چىچەك،
ئىشقىڭدا ئاتەش بۇ يۇرەك،
سىنى كۇيلەپ شوخ قانمايمەن ،
2017-4-3 ئاقتۇ ناھيە جامالتىرەك يىزا
105 قېتىم كۆرۈلدى | ياسىنجان سادىق(يادىكار) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-4 22:55:29 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|