خىسلەتلىك دىيار - ئەكبەر ئەركىن

خىسلەتلىك دىيار 

ئەكبەر ئەركىن


بۇ دىياردىن چىققان نۇرغۇن ئىجاد چولپانى،
ئا.ئۆتكۈر، ل.مۇتەللىپ شېئىر سۇلتانى.
سۈيى ئەلۋەك تۇپرىقى مۇنبەت گۈزەل دىيارىم،
ئىسمى شىنجاڭ نامى ئۆچمەس تارىخ داستانى.

مىراس قالغان ناخشا چاقچاق ئۇسۇل جانبازلىق،
كۆمۈر، نېفىت ھەم تەبىئىي گاز ئۈزۈلمەس بايلىق.
كۆپ مىللەتلىك ماكان مەدەنىيەتلەر توپلانغان،
ئىسمى شىنجاڭ ئاسيادىكى ئۆچمەس مەرۋايىد.

بۇ جاي بۈيۈك شەرىق-غەربنى چاتقۇچى كۆرۈك،
تەڭرىتېغى كۆز يەتكۈسىز ئاسمانغا تۈۋرۈك.
تومۇز ئىسسىق زىمىستان قىش، تۆت پەسىل ئايرىم،
ئىسمى شىنجاڭ، ئەۋج ئالغان ئىناقلىق ئۆملۈك.

بۇ دىياردا گېلەم ئەتلەس دۇر تاۋار شاھى،
ھەممىگە داڭلىق، سۈپەتلىك قاشتېشى ماكانى.
بۇ زېمىنغا بەخشەندە پاكلىق ھەم خىسلەت،
ئىسمى شىنجاڭ باي زېمىن كارۋان ماكانى.

يۈسۈپ بوۋام بۇ ماكانغا چاچقان قوتبىلگ،
سادىر بوۋامدىن ئۇدۇم بىزگە قەيسەرلىك .
ئۇزۇن تارىخ،ئۆرپ ئادەت قىلغايكەن  داۋام،
رەڭدار شىنجاڭ ئانا يۇرتۇم بەكمۇ خىسلەتلىك.

ئۈمىدىم شۇ يوقالسۇن مەزھەپ يۇرتۋازلىق،
بىر-بىرىگە ئورا كولاش ھەسەت بازا-بازلىق.
گۈلشەنى تۈس ئالسۇن ئۆملۈك رەيھانى ،
ئىناق شىنجاڭ ئانا ماكانىم ھەممىدىن ئىللىق.


                    微信:2629888235
     





24 قېتىم كۆرۈلدى ئەكبەر ئەركىن ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-8-5 1:10:05  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ