ئىنسان دىگەن
ئېرشات ئوسمان(ئەركە)
ئىنسان دىگەن ھەر قىسمەتلەر كۆرەر ئىكەن،
بىلىپ بىلمەي ئىزىپمۇ ھەم قالار ئىكەن .
چۈشەنمەستىن بىراۋلارنى يامان دىمە ،
تۆھمەتلەردە ياخشىلارمۇ يامان ئىكەن .
ئىنسان دېگەن ھەر ئىشلارنى كۈرەر ئىكەن ،
قورققان ئىشلار ئىزدەپ سوراپ كىلەرئىكەن،
ۋىژدانىڭغا خىلاپ ئىشتىن قاچقىنىڭدا،
ئۇيالماستىن ئىشىك چىكىپ كىرەر ئىكەن.
ئىنسان گاھى داۋانلارمۇ ئاشار ئىكەن،
ئەگرى -توقاي يوللارنىمۇ باسار ئىكەن ،
ئازسىمۇ ھەم ھارسىمۇ ھايات يولىدا ،
چىداپ يەنە داۋاملاشقا مەجبۇر ئىكەن .
ئىنسان گاھى ھايات پەيزى سۈرەر ئىكەن،
بەزىلەردە غەمسىز ئويناپ كۈلەر ئىكەن .
بوۋام ئېيتقان بىر كۈلكىگە بىر يىغا ،
كۈلگىنىگە مىڭ پۇشايمان قىلار ئىكەن.
ئىنسان گاھى ئۇخلىماي چۈش كۈرەرئىكەن،
گاھ سۇلتان بوپ جاھاننىمۇ سورار ئىكەن .
چاقچاق دەپ ئويغاتقاندا تەقدىر ئۇيقىدىن ،
كۆز ئۇۋۇلاپ داق يەردىلا ياتار ئىكەن.
23.4.2015كۈنى كەچ
| 125 قېتىم كۆرۈلدى | arka11 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-1-31 22:04:45 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|