ئايالىم (شېئىر) - مەمەتجان سەمەت

 ئايالىم

مەمەتجان سەمەت


بىلمەپتىمەن ئەجەپ قەدرىڭنى ،
چىن دىلىڭدىن كۆيسەڭ ئايالىم .
ئاتاپ  ھەتتا  ماڭا  بارىڭنى ،
جاندىن ئەزىز كۆرسەڭ ئايالىم .

قۇسۇر ئىزدەپ باھانە تېپىپ ،
نېمە چىقسا قۇلۇمغا چېقىپ .
خارلاپتىمەت ئەقلىمدىن ئېزىپ ،
شۇنچە كۆڭۈل بۆلسەڭ ئايالىم .

سەندىن ئەزىز ئەتىۋا كۆرۈپ ،
ۋاپاسىز شۇ جانانغا كۆيۈپ .
يۈرۈپتىمەن باغچىدا كۈلۈپ ،
يىغلاپ ياشلار تۆكسەڭ ئايالىم .

بولغاچ مېنىڭ كۆڭلۈم بەك قارا،
قىلدىم سېنىڭ يۈركۈڭنى يارا .
بىرەلمىدىم چىن سۆيگۈ ساڭا ،
ئۈمۈد كۈتۈپ ئۆتسەڭ ئايالىم .

ئ‍اپتورى : مەمەتجان سەمەت
ئۈندىدار : چ چ . 308381500
ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ نامسىز قىلماڭ

     





299 قېتىم كۆرۈلدى مەمەتجان سەمەت ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-11 0:39:17  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-16 19:17:08 تاھىر مۇھەممەدمەشئەلى
ئاياللار بىزنىڭ كۆيۈنۈشىمىزگە موھتاج. شېئىرىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ. قەلىمىڭىز مەڭگۈ توختاپ قالمىغاي.
2017-3-11 20:04:17 نۇرگۈل
بەك ئىسىل يىزىلىپتۇ بەزى بىر يولدىن چىقىپ كىتىۋاتقان ۋاپاسىز ، ۋىجدانسىز ئەرلىرىمىز ئوقۇپ ئەقلىنى تىپىۋالسا ئەجەپ ئەمەس 🍒🍒🍒🍒ئاپتۇرنىڭ قولىغا دەت كەلمىسۇن 🌹🌹🌹🌹🌹🌹
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ