دەڭلار
ئابدۇللا كامال(گۇما)
2098738086
بىۋاپا گەر قىلسا دىرىكىم،
ۋاپادارغا كۆنۈپتۇ دەڭلار.
پەقەت مىنى سۆيەتتى دىسە،
ئۈمۈدىنى ئۈزۈپتۇ دەڭلار.
سەندىن ۋاپا كەلمىگەچ ئەسلا،
باشقا جانان تۇتۇپتۇ دەڭلار.
ۋەدە قەسەم ئىچكەنتى دىسە،
ئۇمۇ ئەقىل تىپىپتۇ دەڭلار.
مەنسىز ھايات يۈرەلمەيتتى دەپ،
نالە قىلسا ئۆلۈپتۇ دەڭلار.
ئەشۇ نادان كۆڭلىنى گۆرگە،
ئازاپ ئىچرە كۆمۈپتۇ دەڭلار.
ئەقىدىسى خار بولغان يىگىت،
ئەمدى كۈلۈپ يۈرۈپتۇ دەڭلار.
ھىجرانىڭدا قوقاس يۈرەككە،
سۆيگۈ گۈلى ئۈنۈپتۇ دەڭلار.
سۆيگۈسىدىن زارىكەن گۈلى،
گۈلى خاندەك كۆرۈپتۇ دەڭلار.
ھەتتا دۇنيا قىلاركەن ھەۋەس،
ئەنە سەنسىز كۈلۈپتۇ دەڭلار.
بىلىپ قىسسەم كۆزى ياش تۆكسە،
دەرھال ئاڭا توپا چىچىڭلار.
دادۇ پەرياد ئۇرسا دەردىمدە،
بولدى ئۇندىن يىراق قىچىڭلار.
ئەزىز قىرىندىشىم، ئەسەرلىرىمنى ياقتۇرغىنىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر، ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىپ، نامىمنى ئۆچۈرمەڭ ياكى نامىڭىزغا كۆچۈرمەڭ. ھۆرمەت بىلەن ئابدۇللا.
2016-8-31
70 قېتىم كۆرۈلدى | ئابدۇللا كامال(گۇما) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-17 21:29:17 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-10-18 22:37:58 | سەرۋى |
قالتىس |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|