كەل نىگار
مېھىرنىسا قۇربان
كۆز ئالدىمدا سېنىڭ ئايدەك جامالىڭ،
بىلەلمىدىم قاچان كىلەر قارارىڭ؟
كەلگىن نىگار كەلگىن تېزىراق يېنىمغا،
تېز كىلىشكە يوقمۇ سېنىڭ ئامالىڭ.
شاماللاردىن سوراپ تۇردۇم ئۆزۈڭنى،
ئۇنتالمىدىم بىر جۈپ قارا كۆزۈڭنى.
ئوتلىرىڭدا كۆيگەن ئىدى بۇ يۈرەك،
كۆرسەم دەيمەن كۈندە گۈلدەك يۈزۈڭنى.
سېنى ئەسكە ئالمايدىغان كۈنۈم يوق،
كېچە بولسا كۆزلۈرۈمدە ئۇيقۇ يوق.
يېتەلمىگەچ سەن نىگارنىڭ ۋەسلىگە،
بىتاپ بولدى بۇ يۈرەككە تەگدى ئوق.
كەلگىن نىگار سېنى دىلدىن سۆيىمەن،
كەلسىدى دەپ شېرىن خىيال سۈرىمەن.
كەلسەڭ ئەگەر يۈرۈگۈمگە تاڭاي دەپ،
يولغا قاراپ تەلمۈرىمەن كۈتىمەن.
كەلگىن نىگار مېنى بۇنچە كۈتكۈزمە،
ماڭا ئازاب دەرت-ئەلەمنى يۈتكۈزمە.
جەم بولغۇم بار ۋىسال تېپىپ سەن بىلەن،
مۇھەببەتنىڭ ئوت پەسلىنى ئۆتكۈزمە.
2016-9-26 غۇلجا شەھىرى
37 قېتىم كۆرۈلدى | 2550325358 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-9-28 10:40:15 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-10-1 9:06:52 | ئەسقەر قۇربان ئىقبال |
ياخشىمۇسىز مېھېرنىسا قوربان مەن سىزنىڭ بۇ يازمىڭىزنى ئوقۇپ تولىمۇ خوش بولدۇم ،سىزدە ھەقىقەتەن ئىلگىرلەش زور بوپتۇ، داۋاملىق تىرىشىڭ ، كونىلارنىڭ بۇرۇن چىققان قۇلاقتىن كىيىن چىققان مۇڭگۈز ئېشىپۈكېتىپتۇ دىگىنى راستكەن ،قەلىمىزگە بەركەت تىلەيمەن ،ھارمى ايسىز |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|