تەلۋە ئاشىقنىڭ بايانى - ئېزىز تۇرسۇن خەنجەرى

         تەلۋە ئاشىقنىڭ بايانى

ئېزىز تۇرسۇن خەنجەرى

ساڭا ھىچكىم يامان كۆزدە باقمىسۇن،
ئۇيىۋىتىپ قالماي ئۇنىڭ كۈزىنى.
مەندىن ئۆزگە ئەر قۇلۇڭنى تۇتمىسۇن،
كۈرۈپ قالار نەق دوزاخنىڭ ئۈزىنى.

سىنى مەندەك سۈيەلمەيدۇ ھىچكىممۇ،
نوچى بولسا مىنىڭ بىلەن چېلىشسۇن.
غىتمەكلەرنىڭ سىنى ئويلاش ھەققىمۇ؟
ئاستا بېرىپ ياستۇق بىلەن ئېلىشسۇن.

ئىگە بۇلۇپ سۈيەر ئەركەك مەشۇقنى،
ئۇنىكاھسىز ئىشتان باغنى تۇتقايمۇ؟
قەسەم قىپلا مەقسىتىگە يەتكەننى-
نامەرتلەرنى يەرقوينىغا يۇتقايمۇ...

سۆيسە ھەركىم مەندەك سۆيسۇن يارىنى،
كۆزيۇمغىچە بىرىگىلا باغلانسۇن.
بىرىگىلا بەرسۇن بارچە-بارىنى،
تۇرمۇش قۇرسۇن،ئائىلىسى گۈللەنسۇن.

                       2006.10.10
     





49 قېتىم كۆرۈلدى ئېزىزتۇرسۇن خەنجەرى ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-15 9:35:06  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ