بالىلارغا كېرەك مۇھەببەت
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)
بەرمەي تۇرۇپ مېھىر-مۇھەببەت،
سۆز ئاچمىغىن ئىلىم،مەرىپەت،
گۈزەل باغچا ئىللىق ماكانىدۇر،
خۇش تەبەسسۇم ئاچقىن تا ئەبەد.
پەرۋىشلىگىن يورۇتۇپ دىللار،
مېھىرلەنسۇن ئۇماق بالىلار،
پۈرۈشتۈرمە قاپاقلىرىڭنى،
ياتسىرمىسۇن سەبى بالىلار.
مۇنبەرلەردە خۇشخۇي سايرىغىن،
تۇتاشتۇرغىن قەلب،دىللارنى،
بولسۇن سەندە ئىللىق چىرايلار،
ئېچىلدۇرۇپ،سايرات ئۇلارنى.
يېتىلدۈرگىن ئارزۇ-ئارمانلار،
ئىشتىياقتا ئۆگەنسۇن ئۇلار،
پاكلاپ تۇرغىن دائىم دېلىنى،
پەرۋاز قىلسۇن مەڭگۈگە ئۇلار.
قەلبلەرگە تىزغىن دەستە گۈل،
ئوزۇق بەرگىن،سولاشمىسۇن گۈل،
ئۇچۇپ كىرىپ قەلبىگە دائىم،
خۇشپۇراقلىق پۇرا قىزىل گۈل.
باغۋەن بولساڭ بىلگىن كۈلۈشنى،
شاملار يېقىپ،يورۇت دىلىنى،
ھازىرلىغىن سورۇن،مەيدانلار،
يېتىلدۈرگىن شىجائىتىنى.
ۋۇجۇدىڭدىن ئۇرغۇت روھىڭنى،
ئاتا قىلغىن پۈتۈن زېھنىڭنى،
بالىلاردۇر ئەتىمىز بىزنىڭ،
مېھىر بەرگىن،ئاچقىن قوينۇڭنى.
بالىلارغا كېرەك مۇھەببەت،
مېھىرلەنمەي ئېچىلماس پەرزەنت،
شەرەپ قۇچاي دىسەڭ مۇئەللىم،
قۇراللانغىن مېھىردىن ئەبەد.
82 قېتىم كۆرۈلدى | تۇرغۇن راخمان (كەمتەر) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-13 1:42:06 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|