مەيلى دەڭ (شېئىر) - ھەسەنجان تىلىۋالدى

 مەيلى دەڭ 

ھەسەنجان تىلىۋالدى شېئىرى

مەھەلەمدىن چىقتىم بۈگۈن يارسەنەم،
سىزگە ئوتلۇق بېقىشمغا مەيلى دەڭ.
سەۋدا بولغان بىر ئاشىقمەن سىزئۈچۈن،
دىلغا ئوتلار يېقىشىمغا مەيلى دەڭ.

مەيلى دەڭ يار،مەيلى دەڭ يار، مەيلى دەڭ،
مىنى مەجنۇن ئۆزىڭىزنى لەيلى دەڭ .
مۇھەببەتتە بىرگە بولۇپ بىر ئۆمۈر،
بىرنان تاپساق تەڭ بۆلۈشۈپ يەيلى دەڭ.

كەتمەڭ يارىم مەندىن قېچىپ يىراققا،
چىدالمايمەن قالسام ئىشقى پىراققا،
يۈرەك كۆيەر سىزدەك گۈزەل ئوماققا،
گۈلخان بولۇپ يېنىشىمغا مەيلى دەڭ.

ئىككى دۇنيا ئۆتكۈم كىلەر سىز بىلەن،
ھايات گۈزەل سىزدەك  پەرى قىز بىلەن،
چىن مۇھەببەت ياشناپ كەتسۇن بىز بىلەن،
ئاشىق كۈيى چېلىشىمغا مەيلى دەڭ .


ئۈندىدار : 1977084646



سەن يوق گۈلۈم 


ھەسەنجان تىلىۋالدى شېئىرى 


بىر سۆزۈم بار ئىيتالمىدىم،

يانلىرىڭغا قايتالمىدىم.

خۇش ھېدىڭنى پۇرالمىدىم،

سەن يوق گۈلۈم ،سەن يوق گۈلۈم.


ئايسىز كېچە يالغۇز  ئۆزۈم ،

يوللىرىڭدا قالدى كۆزۈم ،

قاچان ساڭا يىتەر سۆزۈم ،

سەن يوق گۈلۈم ، سەن يوق گۈلۈم.


ئۆتتى كۈنلەر بەكمۇ غەمكىن،

دەتلىرىمنى بىلمەس ھەركىم،

بولالمىدىم يايراپ ئەركىن،

سەن يوق گۈلۈم ،سەن يوق گۈلۈم.


سەۋدا ئىدىم ساقسىز بولدۇم،

مەجنۇن تۇرۇپ يارسىز بولدۇم،

ھالىم خاراب  دەتكە تولدۇم،

سەن يوق گۈلۈم ، سەن يوق گۈلۈم،


قىينار دىلنى ھەسرەت پىراق،

ئۈمىدلەرىم سەندىن يىراق،

سۆيگۈ ماڭا ئۆچكەن چىراق،

سەن يوق گۈلۈم ، سەن يوق گۈلۈم،


ئۈندىدار : 1977084646

يۇقارقى شېئىرلارنى ناخشا قىلىپ  ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ. ئۈندىدار ؛1977084646

     





83 قېتىم كۆرۈلدى danish ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-16 13:55:31  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-4-24 10:31:06 ھەسەنجان
يۇقارقى شېئىرلار ناخشىچىلارغا بىرىپ بولۇندى . ئىشلىتىشكە، تارقىتىشقا بولمايدۇ . خىلاپلىق قىلغۇچىلار بارلىق قانۇنىي مەسئوليەتكە ئۆزى ئىگە . ئاپتور -ھەسەنجاندىن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ