نورۇز دېمەك - يىل، باھار بېشى
تۇرسۇن ئىمىن شەيدائى
(شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى )
قىش بوشاتتى پەسىل تەختىنى ،
مۆھلەت يېتىپ بېرىپ ئىستىپا .
باقتى كۈلۈپ كۆكتە زەر قۇياش ،
كەتتى ئاياز ئىللىدى ھاۋا .
يېشىل تونلۇق پەرى نەۋباھار ،
ۋىسال ئىزدەپ قىلدى ئىلتىجا !
نورۇز دېمەك -يىل، باھار بېشى ،
باھار -پەسىل ئەركىسى ، كۆركى .
ھەر يىلدا بىر نەسىپ بولىدۇ ،
ھايات بولساق كۆرىمىز بەلكى .
خاسىيەتلىك ئايەم پەيتىدە ،
ئاداۋەتلەر ئەيلىنەر تەركى .
خىسلەتلەر كۆپ قۇتلۇق نورۇزدا -
ياغار ھىممەت ،خەيرى -ساخاۋەت .
مىسكىن دىللار كېتەر سۆيىنىپ ،
كېتەر يايراپ كۈلۈپ كارامەت .
ئۆم -ئىناقلىق قىلىنىپ كۈرەك ،
ۋۇجۇدلارنى كېزەر ھارارەت ...
جانلانماقتا ئانا تەبىئەت ،
قېچىپ ئەنە كۆزىدىن ئۇيقۇ .
ياڭرىتىپ كۈي شۇنچە شاۋقۇنلۇق ،
ئېقىنلارغا تولغان زىلال سۇ ،
گۈل -گىياھلار بوينىغا زۇننار -
ئاستى ،چېچىپ مەرۋايىت چاچقۇ .
تەبىئەتنىڭ ئەركىسى سابا ،
ۋادىلارنى ئەتتى سەيلىگاھ .
ئوينار ئۇسسۇل جىلۋە -ناز بىلەن ،
تال ،سۈگەتلەر ئېسىپ ئۇز جالا .
چېچەك قىسقان باغلار قوينىدا ،
بۇلبۇل ،كاككۇك ئەيلىدى ناۋا .
ئەكچىدى يەر تېرىم پەيتىدىن ،
بېرىپ مېھنەت ئەھلىگە ئۇچۇر .
گۈلشەنلەردىن خۇش ئىپار چاڭقىپ ،
دىماغلارنى پەتىلەر ھۇزۇر .
ياسانغاچقا توز كەبى كۆركەم ،
ئاقتى يۇرتۇم رۇخسارىدىن نۇر .
يېنىپ باھار -كۆكلەم ئىشقىدا ،
كەلدى تۇرنا كۆكتە سەپ تۈزەپ .
جۇلالىنار گۈلگۈن دالىلار ،
ئۇپۇق كەبى ھۆسنىنى بېزەپ .
زەرباپ يۇپۇق يېپىنغان زېمىن ،
سۆيۈندۈرەر دىللارنى ئەجەپ !
مەشرەپ ،ساما چىقتى ئەۋجىگە ،
قىزىپ كەتتى نورۇز بەزمىسى .
جاراڭلايدۇ جۇشقۇن ناخشا -كۈي ،
تەڭكەش بولۇپ شائىر نەزمىسى .
مارايدۇ ئاي كۆمۈش ئوردىدىن ،
بولغاندەك لال ئۇ كۆك پەرىسى .
كەلدى نورۇز ،باھار- گۈل پەسىل ،
يەر -جاھانغا يېيىپ كەڭ ئېتەك .
مەمۇرچىلىق -بەرىكەت چىللاپ ،
بەختىمىزگە بولۇپ قوش گېزەك .
باھار كەبى خۇش جامال ئېچىپ ،
جىلۋە ئەيلەر ئىقبال -كېلەچەك !...
ئاپتور :بورتالا شەھەرلىك رادىئو -تېلىۋىزىيە ئىستانسىسدىن
| 6819 قېتىم كۆرۈلدى | xeydayi | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-3-17 22:43:58 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|