نورۇز دېمەك-يىل، باھار بېشى (شېئىر) - تۇرسۇن ئىمىن شەيدائى

نورۇز دېمەك  - يىل، باھار  بېشى

تۇرسۇن ئىمىن شەيدائى

(شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى )

قىش بوشاتتى پەسىل تەختىنى ،
مۆھلەت يېتىپ بېرىپ ئىستىپا .
باقتى كۈلۈپ كۆكتە زەر قۇياش ،
كەتتى ئاياز ئىللىدى ھاۋا .
يېشىل تونلۇق پەرى نەۋباھار ،
ۋىسال ئىزدەپ قىلدى ئىلتىجا  !

نورۇز دېمەك  -يىل، باھار  بېشى ،
باھار -پەسىل  ئەركىسى ، كۆركى .
ھەر يىلدا بىر نەسىپ بولىدۇ ،
ھايات بولساق كۆرىمىز بەلكى .
خاسىيەتلىك ئايەم پەيتىدە ،
ئاداۋەتلەر ئەيلىنەر تەركى .

خىسلەتلەر كۆپ قۇتلۇق نورۇزدا -
ياغار ھىممەت ،خەيرى -ساخاۋەت .
مىسكىن دىللار كېتەر سۆيىنىپ ،
كېتەر يايراپ كۈلۈپ كارامەت .
ئۆم -ئىناقلىق قىلىنىپ كۈرەك ،
ۋۇجۇدلارنى كېزەر ھارارەت ...


جانلانماقتا ئانا تەبىئەت ،
قېچىپ ئەنە كۆزىدىن ئۇيقۇ .
ياڭرىتىپ كۈي شۇنچە شاۋقۇنلۇق ،
ئېقىنلارغا تولغان زىلال سۇ  ،
گۈل -گىياھلار بوينىغا زۇننار -
ئاستى ،چېچىپ مەرۋايىت چاچقۇ .


تەبىئەتنىڭ ئەركىسى سابا ،
ۋادىلارنى ئەتتى سەيلىگاھ .
ئوينار ئۇسسۇل جىلۋە -ناز بىلەن ،
تال ،سۈگەتلەر ئېسىپ ئۇز جالا .
چېچەك قىسقان باغلار قوينىدا ،
بۇلبۇل ،كاككۇك ئەيلىدى ناۋا .


ئەكچىدى يەر تېرىم پەيتىدىن ،
بېرىپ مېھنەت ئەھلىگە ئۇچۇر .
گۈلشەنلەردىن خۇش ئىپار چاڭقىپ ،
دىماغلارنى پەتىلەر ھۇزۇر .
ياسانغاچقا توز كەبى كۆركەم ،
ئاقتى يۇرتۇم رۇخسارىدىن نۇر .

يېنىپ باھار -كۆكلەم ئىشقىدا ،
كەلدى تۇرنا كۆكتە سەپ تۈزەپ .
جۇلالىنار گۈلگۈن دالىلار ،
ئۇپۇق كەبى ھۆسنىنى بېزەپ .
زەرباپ يۇپۇق يېپىنغان زېمىن ،
سۆيۈندۈرەر دىللارنى ئەجەپ !

مەشرەپ ،ساما چىقتى ئەۋجىگە ،
قىزىپ كەتتى نورۇز بەزمىسى .
جاراڭلايدۇ جۇشقۇن ناخشا -كۈي ،
تەڭكەش بولۇپ شائىر نەزمىسى .
مارايدۇ ئاي كۆمۈش ئوردىدىن ،
بولغاندەك لال ئۇ كۆك پەرىسى .

كەلدى نورۇز ،باھار- گۈل پەسىل ،
يەر -جاھانغا يېيىپ كەڭ ئېتەك .
مەمۇرچىلىق -بەرىكەت چىللاپ ،
بەختىمىزگە بولۇپ قوش گېزەك .
باھار كەبى خۇش جامال ئېچىپ ،
جىلۋە ئەيلەر ئىقبال -كېلەچەك  !...

ئاپتور :بورتالا شەھەرلىك رادىئو -تېلىۋىزىيە ئىستانسىسدىن
     





6819 قېتىم كۆرۈلدى xeydayi ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-17 22:43:58  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ