مۇزلاتما ــ شەمشادبەگ

 مۇزلاتما
           ـــ شەمشادبەگ


تۇنۇش كوچا،
تۇنۇش قورو،
تۇنۇش بىنا،
كۆز ئالدىمدا تۇرار گىدىيىپ.
تۇنۇش چىراي،
تۇنۇش ئادەملەر،
ناتۇنۇشتەك ئۈتەر ئالدىراپ.
كۆيگەن يۈرەكتە،
سۆيگەن قەلىبتە،
تىلىگەن تىلەكتە،
ئاڭلىنار مۇڭلۇق بىر نىدا.
جاۋاپسىز قالىدۇ،
سۇرالغان سۇئاللار،
تىلسىز ناتىقتەك.
ئۈنسىز،
تىۋىشسىز،
يۈرۈگۈم زىدە،
تەلمۈرۈپ يۈردۈم،
يىتىم بالىدەك.
كۈندۈزلەر ئۆتتى،
مەنىسىز،
قىزغىنلىقى يوق،
كىچىلەر تىمتاس،
ئۇيقۇسىز،
خىياللار،
ئويلار،
سېغىنىش ئۇتى،
قىينايدۇ مىنى.
ئەتىسى يەنە،
يۈرەرمەن دەلدۇش،
ئۇيقۇسىز قالغاندەك.
مۇزلاتما،
سەگىتمە،
كۆيگەن يۈرەكنى،
مۇزلىسا،
سەگىسە،
توڭسا يۈرەك،
مۇزلايسەن ئۈزۈڭ،
چۈنكى بۇ يۈرەك،
سەن ئۈچۈن سۇقار،
سەن بار،
يۈرەك قېتىمدا،
سەنلا بار پەقەت،
مۇزلىسا يۈرەك،
مۇزلايسەن ئۈزۈڭ!
چىدىمايمەن،
مۇزلاتمايمەن،
سىنى ساقلايمەن چوغدەك!

aslima-608UG
2016-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى كېرىيە
كەچ 23:25
     





181 قېتىم كۆرۈلدى شەمشادبەگ ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-17 15:52:25  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ