ئ‍ەخلاق

ئ‍ەخلاق (غەزەل)

 

شادىيە مۇھەممەت

 

 ئ‍ولتۇرار ھۆرمەت تەخىتتە ئ‍ەخلاقلىق بەندە،

پەرىزات كۆرىنەر گەر كەيسىمۇ جەندە.

 ئ‍ەخلاقسىزنى كۆرسە، يىراق قاچار چىۋىنمۇ،

 ئ‍ەخلاقسىز ئ‍ادەمدىن ياخشاراق بەتبۇي گەندە.

 

 ئ‍ەخلاقلىق ئ‍ادەم ئ‍ەل نەزىرىدە بايۋەتچە،

 ئ‍ولتۇرسىمۇ بوران ئ‍ۇچىدىغان كەپىدە.

ئ‍ەخلاقسىز ئ‍ادەم ئ‍ولتۇرسىمۇ داچىدا،

 مىليونىر بولسىمۇ ئ‍ۇ يەنىلا قەلەندە.

 

 ئ‍ەخلاقلىقنىڭ سۆزى تۇختاۋسىز مۇڭلۇق كۈي،

 ئ‍ۆزى بولسا ئ‍ەل قەلبىدىكى بىر سازەندە .

 ئ‍ەخلاقلىقنى ئ‍ۆزىگە كىم ئ‍ۆمۈرلۈك تۇتسا دوسىت،

 ئ‍ۇنىڭغا دائىم ياخشى يول بۇلۇر بەخشەندە.

 

 2015-8-6  تۇرپان





165 قېتىم كۆرۈلدى شادىيە مۇھەممەت ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-6 17:25:50  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ