ئويلانغىن!
ھەسەنجان ئارىپ
كۈلگىنىڭدە يىغلىغان كۆزلەرگىمۇ قاراپ قوي،
ئوچۇق بولسۇن يوللۇرۇڭ يىراقلارغا قاراپ قوي.
ئەقىل بىلەن يارالدى ئنسان دىگەن دۇنياغا،
ئەل بولمىسا،سەن نەدە ئۆزگىلەرگە قاراپ قوي!
ھايات چەكلىك- كۆڭۈلنى قۇيۇپ بەرمە مەيلىگە،
ۋاقىت گويا ئاتقان ئوق يېنىپ كەلمەس كەينىگە.
بىلىم ئۆزى بىر دۇنيا تەڭداشسىزدۇر ھىممىت،
ى ئۆگەن ئازما يۇلۇڭدىن ،كىرىپ شەيتان كەينىگە.
دۇنيا دىگەن قونالغۇ بىزمۇ بىر كۈن كىتەرمىز،
بىردە يىغلاپ بىر كۈلۈپ ئارمان بىلەن ئۆتەرمىز.
ئەل قوينىدا چوڭ بولدۇق ئويلىمامدۇق خەلىقنى،
قازىنىنى قاينىتىپ چوقۇم تاماق ئېتەرمىز.
ئەقلى بىلەن يول تاپقان ئاسمانلاردا ئۇچماقتا ،
ھاياتىنى قەدىرلەپ ئالتۇن زەپەر قۇچماقتا .
بىرلەر نادان ئۆتتى كۈن روھى مېيىپ مۇساپىر،
بىلمەس ئەسلى ھوشىنى يەنە ئچىپ قۇسماقتا.
ئشلار شۇنداق ئېگىز-پەس تەڭشەلمىگەن جاھان بۇ،
ئوخشاش مېھمان دۇنياغا ياخشى بىلەن يامانمۇ.
بىلسەڭ سەن بىر مۆجىزە مەنا تاپقىن ھاياتتىن،
پىچەك بولسا ئەخلەتتۇر ھەتتا ياڭاق،باداممۇ.
ھاياتلىقتا قىممەتتۇر خاماندىكى بىر دانمۇ ،
ئەگەر دانغا ئوت كەتسە ئامان قالماس سامانمۇ.
ئنسانغا خاس پەزىلەت چاقناپ تۇرسۇن قەلبىڭدە،
تەشنالارغا مۇھاببەت بىرىپ قويساڭ يامانمۇ.
بىر جاڭگالدا ياشايدۇ بۆرە،يولۋاس،قاپلانمۇ ،
گاھى ئاچ-توق ئۆتەر كۈن ئۇلارغىمۇ ئاسانمۇ.
قېرىنداش بىز ھەممىمىز يۆلىشەيلى ئۆز-ئارا،
زىمىن قۇرۇپ يىغلىغاچ ياش تۆكىدۇ ئاسمانمۇ.
تاماق يىيىش ئۈچۈنلا ياشاش سېنىڭ يۇلۇڭمۇ ،
ياشاش ئۈچۈن تاماق يەپ ئۆتسەڭ توغرا بولارغۇ.
گەر بىلمىسەڭ شۇنىمۇ پەرقىڭ يوقتۇر ھايۋاندىن،
نەسھەت ئۆزى ئاچچىقتۇر!غەزەپلەنمەي ئويلانغىن.
رەنجىمىگىن ھەرگىزمۇ قېرىندىشىم - قاندىشىم،
ئېتىشمامدۇ يۈرىگىم كىسەل ياتسا دىلدىشىم.
يۈرەك سۆزۈم دورابوپ داۋا بولسۇن دىلىڭغا ،
ئەگەر بولساڭ ماڭا يات،،،سېنىڭ بىلەن نىمە ئشىم!
ھەسەنجان ئارىپ
2016-يىل 2-ئاينىڭ 4-كۈنى
(ئاۋات ناھىيە يېڭرىق يېزىسىدىن)
107 قېتىم كۆرۈلدى | ھەسەنجان ئارىپ | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-2-5 12:25:26 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|