دوستلىرىم
(بارلىق يىقىن دوسلىرىمغا بىغىشلايمەن)
-خالمۇرات كەرىم
ھايات دىگەن زەردابقا چىلانغان بىر شىرىن تەم،
شۇ شىرىننى ئىچكۈزۈپ تاج كىيدۈرگەن دوسلىرىم،
كۆڭۈللەردىن سۇ ئىچەر قاغجىرىغان كۆڭۈللەر،
ئۆز كۆڭلىنى زەم زەم قىپ سۇ ئىچكۈزگەن دوسلىرىم.
يەتسە ئەگەر بىر كۈنى ئىغىر كۈلپەت باشلارغا ،
نىمە بولدۇڭ دوستۇم دەپ يىتىپ كەلگەن دوسلىرىم.
مەن يىغلىسام يىغلىشىپ ئازابىمنى تەڭ تارتىپ،
خوشال بولسام شاتلىقنى قىتىپ كەلگەن دوسلىرىم.
چاقچاق قىلىپ گاھىدا چىلىشىپ ھەم دوملىشىپ،
ئەمما خەتەر يۈزىنى يىپىپ بەرگەن دوسلىرىم.
تاغ داۋاننى ئاشارغا بىرلا ئېتى بولسىمۇ،
شۇ ئېتىنى ھارۋامغا چىتىپ بەرگەن دوسلىرىم.
تار كوچىدا تاراقلاپ ماڭغان ھارۋا خەتەرلىك،
شۇ ھارۋىنى توسۇشقا چىپىپ بەرگەن دوسلىرىم.
نان بار يەردە چاشقان بار دان بار يەردە قۇزغۇن ھەم،
يوچۇن قالغان لاپاسنى يىپىپ بەرگەن دوسلىرىم.
نازۇكلىشىپ گاھىدا پىلومۇتتەك ئىتىلساق،
ئېغىر ئالماي ئاماللار ئىيتىپ بەرگەن دوسلىرىم.
ئۇخلاپ قالساق دەرستە ئاستا نوقۇپ ئويغىتىپ،
سەگەكلىككە سوغۇق سۇ سىپىپ بەرگەن دوسلىرىم.
بۇ ھاياتنىڭ يوللىرى ئەگرى توقاي تاغ داۋان ،
سەپەرداش بوپ بۇ يولنى بىسىپ بەرگەن دوسلىرىم.
نوقسان تىپىپ گاھىدا ئەۋج ئالسا ئۆسمىلەر ،
شۇ ئۆسمىنى پىچاق بوپ كىسىپ بەرگەن دوسلىرىم.
47 قېتىم كۆرۈلدى | halmurat | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-12-2 1:56:09 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|