قوشنامنىڭ قىزى (شېئىر)
ئابدۇرېھىم مەمتىلى
توۋا دەيمەن ،
كۆزۈمگە ئىشەنمەي .
چۈنكى ،
قوشنامنىڭ قىزى .
قاپتۇ چوڭ بولۇپ بىلنمەي،
سۇغا چىقسا ،
ھويلا سۈپۈرسە ،
قالىمەن بىر ھازا.
ئوغلىقچە قاراپ ئۇنىڭغا،
قىزغىنىمەن ئۆزگىلەردىن ،
ناۋادا گىپنى قىلسا .
تېرسنى سويىمەن تەتۈر ،
كىمدە كىم،
ئېلىپ قاچسا .
مەن ئۇنىڭغا قالغاچ رام بولۇپ ،
نىمە ئۈچۈن خىيالىم تولا .
چاقۇرغۇم كىلدۇ ،
كەچتە ،
ئۆگزىسىگە تاشلاپ چالما .
ئانام ،
بۇرسا قوشنا ئۆيگە
غەلۋرنى دەپ .
مەن ئۇچىمەن قوشنا قىزنى
كۆرەي ۋىسالىغا يىتەي دەپ .
قوشنامنىڭ قىزى ،
قاپتۇ چوڭ بولۇپ رىسىدە .
مەن
نەگە باراي ،
ئىزدەپ بىرنى
ئىپى سىپىدە.
| 68 قېتىم كۆرۈلدى | ئابدۇرېھىم مەمتىلى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-4-7 1:43:23 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|