ئانام ئۈچۈن خوشال ياشايمەن (شېئىر)
ياسىنجان مەھمۇت
كۆرمىسىمۇ جاھاننى كۆزۈم،
يىتىملىكتە يۈرسەممۇ ئۆزۈم.
چىقمىسىمۇ زۇۋانلىق سۆزۈم،
ئانام ئۈچۈن خوشال ياشايمەن.
توختىماستىن ئويلايدۇ مېنى،
پۇلىڭىز بارمۇ كۆرەي مەن قىنى؟
تىلفۇن ئۇرسام سېغىندىم سىزنى،
ئانام ئۈچۈن خوشال ياشايمەن.
بىرسى ئەمەس،ئىككىسى باردۇر،
ئۇلارسىز ماڭا ،بۇ جاھان تاردۇر.
ئۇلار بولسا مەڭزىمدە خالدۇر،
ئانام ئۈچۈن خوشال ياشايمەن.
كەلسە كۈلپەت يىنىمدا ھەردەم،
مىنىڭ ئۈچۈن تۆكىدۇ سەل ھەم.
ئۇلار بولغاچ پارلاقتۇر ئەتەم،
ئانام ئۈچۈن خوشال ياشايمەن.
مەدەت بىرەر ماڭغان يۇلۇمغا،
سۆيۈپ كېتەر مەڭزىم، قۇلۇمغا.
قويغۇسى يوق مىنى زۇلۇمغا،
ئانام ئۈچۈن خوشال ياشايمەن.
بىرسى تۇغسا ،يانا بىرى باققان،
مىنىڭ ئۈچۈن جاپالەر تارىتقان.
مىنى ئويلاپ ئۇيقىسى قاچقان،
ئانام ئۈچۈن خوشال ياشايمەن.
مىنى ئويلاپ ئۇيقىسى قاچار،
ھەر كۈن كېچە غەم بىلەن ياتار .
كەلمىسە ئۇيقۇ يۇلتۇزنى سانار.
ئانام ئۈچۈن خوشال ياشايمەن.
يىتىم ئاغزى تەككۈچە ئاشقا،
تىگىدىكەن بۇرنى ھەم تاشقا.
ئەلەم كەلسە، كەلسۇن بۇ باشقا،
ئانام ئۈچۈن خوشال ياشايمەن.
ئەلەم كەلسە يانداپ ئۆتۈپ كەت،
ھاياتىمدا ئۆرۈلدى بىر بەت.
شۇڭا يازدىم تەۋرىتىم مەن خەت ،
ئانام ئۈچۈن خوشال ياشايمەن .
ياسىنجان كۈسەنى ئۆز قەلىمى
30 قېتىم كۆرۈلدى | ياسىنجان مەھمۇت (كۈسەنى) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-10 9:14:17 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|