ئوت كەتكەن كۆل
ئابدىخېلىل مۇھەممەت ئۆركەش
كۆڭۈل گويا بىر كۆل ئىدى تىپتىنىچ،
سۈزۈك سۇلار ئاقار ئىدى شىلدىرلاپ،
بار ئىدى ھەم ئەتراپىدا چىمەنزار،
كەپسىز قۇشلا سايرار ئىدى ۋەچىرلاپ،
- - - - - - - - - - - - - - -
قاراڭغۇ تۈن زۇلمەتىنىڭ قوينىدا،
خىياللارغا چۆكەر ئىدى مۇڭلىنىپ ،
كۆرگىنىدە يىڭى چىققان ھىلالنى،
كەتتى شۇئان كۆلنىڭ سۈيى چايقىلىپ،
- - - - - - - - - - - -- - - -
يورۇتقاندا كەڭ جاھاننى تولۇن ئاي،
كۆرگەنىدى ئاشىقىنى ئۇ قېنىپ،
ئاي يۈزىنى توسقىنىدا قار بۇلۇت،
سېغىنىشتىن كەتتى پارغا ئايلىنىپ،
- - - - - - - - - - - - - - -
پارلىمىغاچ قەلبىمدە ھەم زەر قۇياش،
نەپەسلىرىم چىقار مانا ھالسىراپ،
ئاڭلانمايدۇ ئەمدى قۇشلار ساماسى،
چىمەنمۇ يوق كۆلمۇ كەتكەن قاغجىراپ،
- - - - -- - - - - - -- - -
تاڭ سەھەرنىڭ غۇر - غۇر ئاچچىق شامىلى ،
سەندىن ماڭا خەۋەر بىرەر پىچىرلاپ،
غازاڭ كەبى توزۇشقا ھەم رازىتىم،
ئىپار -ئەنبەر ھىدلىرىڭنى بىر ھىدلاپ ،
- - - - - - - - - - - - - - -
ياشايمەن شۇ تاتلىق ھىسلار قوينىدا،
ساراڭلارچە گاھى كۈلۈپ ۋىلىقلاپ،
قىززىقلىقتىن ئىڭرايدۇ بۇ زەئىپ تەن،
ئەسلىمىلەر قويسا ئوتنى چۇخچىلاپ،
-- -- - - - - - - - - - -
جادۇلارغا بېسىلسىمۇ ھىسلىرىم،
ئارمان تۇرار يۈرەكىمدە يېلىنجاپ ،
تاپالمايسەن بۇرۇنقى شۇ بوستاننى،
بۇ كۆلدە ھەم ئوت كۆيمەكتە لاۋۇلداپ ،
- - - - - - -- - - - - - -
2016- يىل 22 نويابىر
30 قېتىم كۆرۈلدى | ئۆركەش | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-22 12:26:58 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|