بولمىسا كىمدە گەر شۈكرى قانائەت
ئابدۇشۈكۈر ئابلىمىت ئىھسان
ئىنسانغا ھەممىدىن ھالاللىق قىممەت،
ھالاللىق يوق بىراق بولماي دىيانەت،
دىيانەت يوقلارغا يېقىندۇر ئاپەت،
تىنىمسىز چاپقىنى ئەمەستۇر ئامەت،
بولمىسا كىمدە گەر شۈكرى-قانائەت.
شۇقەدەر ئەۋزەلدۇر شۈكرىنىڭ لۇتفى،
شۈكرىلىك ئادەمنىڭگۈزەلدۇر خۇلقى،
ئەكسىچە ئەرزىمەس تۈۋەندۇر نەرقى،
ھەم يەنە ھايۋاندىن چوڭ ئەمەس پەرقى،
بولمىسا كىمدە گەر شۈكرى-قانائەت.
بولسىمۇ گەر تۇلا بىساتى-مالى،
قەيەرگە سۇنۇلسا يەتسىمۇ قۇلى،
قىلسىمۇ گەر ئۇنى جاھاننىڭ شاھى،
بولمىغاي نىچۈندۇر ئۇ يەنە رازى،
بولمىسا كىمدە گەر شۈكرى-قانائەت.
شۈكرىلىك ئادەمدە خىيانەت يوقتۇر،
خىيانەت يوقلاردا جىنايەت يوقتۇر،
جىنايەت پاكلىققا ئېتىلغان ئوقتۇر،
زۈرۈرى كەلگەندە تىلى تۇتۇقتۇر،
بولمىسا كىمدە گەر شۈكرى-قانائەت.
تاپقانچە يەنىمۇ تېپىش كويىدا،
تېپىشتىن ئۆزگە ئىش يوقتۇر ئويىدا،
بىر ئاچلىق قۇترايدۇ كۈندە خۇيىدا،
دىمەيدۇ ھەممىنى بولدۇن يولىدا،
بولمىسا كىمدە گەر شۈكرى-قانائەت.
يۈرمىگەي رازى بوپ كۆرگەن كۈنىدىن،
خۇش ئەمەس گېلىدىن ئۆتكەن نېنىدىن،
ئاشمىغاي سايىسى خەخكە ئۆزىدىن،
ياغار گاھ يامانلىق قىلغان سۆزىدىن،
بولمىسا كىمدە گەر شۈكرى-قانائەت.
پۇل دىسە كىمگىدۇر تەڭلەيدۇ پىچاق،
نەپ ئۈچۈن رازىدۇر بولماققا قورچاق،
نەپسىنىڭ دامىدا ئۇيۇنچۇق قونچاق،
ئاڭلىسا گىپىنى شۇنچە مەختانچاق،
بولمىسا كىمدە گەر شۈكرى-قانائەت.
بىھۇدە باشلىرى قاتقىنى شۇدۇر،
تۈندىمۇ ئۇيقۇسىز چاپقىنى شۇدۇر،
ئۆزىنى زۇلۇمغا ئاتقىنى شۇدۇر،
ئىت يۈرەر يەادىمۇ يۈرگىنى شۇدۇر،
بولمىسا كىمدە گەر شۈكرى-قانائەت.
ئاچكۆزلۈك ھۆكۈمران ئىككى كۆزىگە،
ھەسەتلەر خوجىدۇر كۈندە ئۆزىگە،
نۇر ئىمان يۈگۈرمەس شۇڭا يۈزىگە،
قىلماس چىن رىئايە ھەقنىڭ سۆزىگە،
بولمىسا كىمدە گەر شۈكرى-قانائەت.
قاچقۇسى بەركەتمۇ شۈكرىسىزلىكتىن،
ھەم يەنە ھەسەتتىن سەبرىسىزلىكتىن،
شۈكرىسىز يۈرمەكلىك كۆرەلمەسلىكتىن،
سانالغاي شۇ سەۋەل تۆۋەن پەسلىكتىن،
بولمىسا كىمدە گەر شۈكرى-قانائەت.
ھەر كىشى دۇنياغا تۆت كۈنچە مىھمان،
بۇكىدۇ مىھمانمۇ ياخشى ۋە يامان ،
ياخشىنىڭ نامى گۈل ياماننىڭ ئازغان،
ئۆتكۈسى گۈل ئەمەس ئازغان بوپ ھامان،
بولمىسا كىمدە گەر شۈكرى-قانائەت.
شۈكرىنىڭ ئۆزىدۇر ئەڭ كاتتا بايلىق،
بايلىق دەپ بىلگەنلەر ئەمما ساناقلىق،
شۈكرىسىز يۈرمەكلىك روھى گادايلىق،
ياشايدۇ شۇڭلاشقا كۆرگەندەك خارلىق،
بولمىسا كىمدە گەر شۈكرى-قانائەت.
| 77 قېتىم كۆرۈلدى | ئابدۇشۈكۈر ئابلىمىت ئىھسان | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-23 22:16:55 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|