بايرىمىڭغا مۇبارەك ئانا

ئانا

 

شئېر

 

 ئانام ۋە بارلىق ئانىلارنىڭ بايرىمغا ئاتاپ

 

 ئۇلۇغلۇق تەختىدە بىر ئۆزۈڭ ئانا،

تەڭ تەۋرەر قۇلۇڭدا بۆشۈك ۋە دۇنيا.

 ھەر كۈنى قىلىسەن بالام دەپ دۇئا،

 تەس بولدى ئەجىرىڭنى قايتۇرۇش ماڭا.

 

كىرسە تىكەن قۇلۇمغا كىرپكىڭ ئالدى،

 گۈلۈم ئۈچۈن چاچلىرىڭ سېۋەت تۇقۇلدى.

 يوللۇرۇمنى يۈرۈكۈڭ چوغ بوپ يۇرۇتتى،

 جېنىم ئانا ،مىنى دەپ گۈل ئۆمرۈڭ كەتتى.

 

 يىمىدىڭ يىگۈزدۈڭ،كىيمەي كىيگۈزدۈڭ،

مەن ئۈچۈن غەم يەپلا ئۆزۈڭ تۈگۈدۈڭ.

 خاتانى مەن يازسام تىنماي ئۆچۈردۈڭ،

 ھېلھەم ئېسىمدە ئاخىرقى سۆزۈڭ.

 

 بېشىمنى سىلىغاچ مۇڭغا پاتاتتىڭ،

ئادەمسەن ئادەمدەك ياشغىن دەيتىڭ.

 ئىنسانلىق خىسلەتنى خورلىما دەيتىڭ،

 نامەردلىك پەسلىكتىن يىراق بول دەيتىڭ.

 

 ھەم دەيتىڭ جىكىلەپ قىلمىغىن ياشلىق،

 قۇلۇڭدىن كەلسىلا يەتكۈز ياخشىلىق.

ۋىجدانىڭ ئالدىدا بولما مۇناپىق،

 ئەجدادىڭ يىلتىزى ئەمەستۇر پاسىق.

 

 ئىزدىسەم تېپىلماس نەرخىڭ بىباھا،

ئاق سۈتۈڭ جان بەرگەن ئاجىز جېنىمغا.

 مېھرىڭنىڭ تەپتىدىن يانىدۇ لاۋا،

 كۆزۈمنىڭ نۇرىسەن قەدىردان ئانا.

 

 بۇ شئېر قىزىڭنىڭ كۆڭلىدۇر ساڭا،

 ھەم يەنە ئانىغا بېرىلگەن سوۋغا.

سەن بولغىن زىمىندا ياكى سامادا ،

 ئاڭلىغىن بىر ئېغىز ئېيتار سۆزۈم بار،

 بايرىمىڭ مۇبارەك بولسۇن جان ئانا.

 

 بارلىق ئانىلارغا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن!

ئاپتورى:خ.چەشمە





193 قېتىم كۆرۈلدى qaxma ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-4 14:00:37  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-8-6 0:58:01 چەشمە
رەھمەت سزگە دوستۇم ،پىكىر بەرگىنىڭىزدىن خۇرسىنمەن،،،،،رەھمەت
2015-8-5 1:25:10 م،ئىزچى
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز، ھېسىياتمۇ چىن ئىپادىلىنىپتۇ، قۇلىڭىزغا دەرد كەلمىسۇن، تېىخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يارتىشىڭىزغا تىلەكداشمەن.
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ