ياشلىق دېگەندە
ئابدۇسالام ئابدۇللا
تاشنىمۇ زەردىدىن قىلۋېتەر تالقان،
قۇياشنىمۇ ئۆزىچە ياپىدۇ ئالقان.
توۋلايدۇ ئۆلۈمدىن باشقىسى يالغان،
ھاياتتىكى ئۆتەڭ-ياشلىق دېگەندە.
چىرايلادىن تاتلىق كۈلكە كەتمەيدۇ،
تۇرمۇش خىجالىتى بېشنى ئەگمەيدۇ.
بەڭباشلىقتىن ئەتىگە ئەقلى يەتمەيدۇ،
ھاياتتىكى ئۆتەڭ-ياشلىق دېگەندە.
ئۇچىدۇ بىلمەيدۇ قانداق چۈشۈشنى،
پۇرسەتنىڭ قولىنى قانداق تۇتۇشنى.
ئويلار كۆتەك تۈۋىدە توشقان كۈتۈشنى،
ھاياتتىكى ئۆتەڭ-ياشلىق دېگەندە.
يىگتنڭ ئۆمۈردىكى سۇمباتلىق چېغى،
قىزنىڭ يۈزىدە يوق تۇرمۇشنڭ دېغى.
چىگمىگەن بىلىنى تۇرمۇشنىڭ يىپى،
ھاياتتىكى ئۆتەڭ-ياشلىق دېگەندە.
شىردەك ھۆركىرەپ سالىدۇ چوقان،
زىتىغا تىگىلسە چىكىدىن ئاشقان.
ئاچچىقتىن قانلىرى بۇلىدۇ ۋولقان،
ھاياتتىكى ئۆتەڭ-ياشلىق دېگەندە.
ئۆزىگە شاھىنشاھ سورايدۇ زامان،
بارچىلەر ئايىغىنڭ ئاستدا ھامان.
ناھەققە چىدىماس خىيالدا پالۋان،
ھاياتتىكى ئۆتەڭ-ياشلىق دېگەندە.
2016/12/18
| 65 قېتىم كۆرۈلدى | abdu4745 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-18 6:46:52 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|