ئاق چىچەك (شېئىر) - تۇرغۇن راخمان

ئاق چىچەك
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)

ئەركى شامال سىپاپ ئۆتتى يۈزۈمنى،
باش باھارنىڭ ناخشىسىنى ئەللەيلەپ،
ئەگىز سۈيى ئېرىقلاردا ئاققاندا،
قۇرۇت،قوڭغۇز ئويغاندىغۇ قىمىرشىپ.

جىگدە،سۆگەت،تېرەكلەرمۇ ئويغاندى،
ئالما،نەشپۈت،ئۈرۈكلەرمۇ تەييارلا،
ھېرىپ-چارچاپ ئۇخلاپ قالغان دېھقانلار،
ئويغىنىپلا ئاق چىچەكتىن سۆيۈندى.

ئاق چىچەكلەر پۈركەندىغۇ باغلارغا،
خۇشخۇي ھېدلار ھوزۇر بەردى دىللارغا،
دېھقان تاغام كەتمەن ئېلىپ ماڭدىغۇ،
تۇرۇپ،چامغۇر تېرىش ئۈچۈن باغلارغا.

چىچەك ئاچسا ئانار،ئالما،ئامۇتلار،
مول ھوسۇلدىن بىرەركەنغۇ بىشارەت،
خۇشپۇراقلار دىماقلارغا ئۇرۇلسا،
ھوزۇرلۇنۇپ قىلىمىزغۇ تىجارەت.

ئاق چىچەكتۇر،ئاق يولنىڭ ئەلچىسى،
باياشاتلىق،ئىناقلىقنىڭ كۈيچىسى،
قەلبلىرىمىز تولۇپ كەتسۇن پاكلىققا،
ھەي ئاق چىچەك،تەبىئەتنىڭ ئۈنچىسى.

ئاق چىچەكلەر بىزىۋەتتى باغلارنى،
باغلار تۈگۈل،پاك قەلبىمنى دىللارنى،
چىچەك ئەمەس،مەرۋايىتكەن ئەسلىدە،
نۇرلار چېچىپ قاماشتۇردى كۆزۈمنى.
     





75 قېتىم كۆرۈلدى تۇرغۇن راخمان (كەمتەر) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-3 9:14:32  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ