كىكىرتەك چويلىسى

       كىكىردەك چويلىسى 

مەۋلۇدە ئىسائىل

كونىلار: "ئۆتمۈشكە قايتىپ ئىش كۆرۈش خەيرىلىكتۇر"- دەيدىكەن. شۇڭىمىكىن ئۆتكەن   كۈنلەرنى ئەسلەشنى تولىمۇ ياقتۇرىمەن. بولۇپمۇ بالىلىق چاغلىرىمدىكى شېرىن ئەسلىمىلەر مېنى  دائىم مەيىن غىدىقلايدۇ.
ئېسىمنى ئازراق تېپىپ قالغان چاغلىرىم ئىدى. بىر  كۈنى ئانام تويدىن قايتىپ، ئالغاچ كەلگەن توي چاچقۇسى تاتلىق تۈرۈملەرنىڭ ھەممىسىنى  ئېتىكىمگە تۆكتى.ھەدەم ئاكام، مېنىڭ ئېتىكىمدىن ئۆز نېسىۋىلىرىنى ئېلىپ بولدى قىلىشتى.ئۆينىڭ  كىچىكى بولغان مەن شېرىن تەملىك ئاق كەمپۈتنى شۈمۈپ ئولتۇرۇپ، بىزنىڭ يېمەكلىك يېيىشىمىزگە مېھرى بىلەن كۈلۈپ قاراپ تۇرغان ئاپامغا:
-سەنمۇ يېگىنە-دىدىم .
ئاپام ئۆزىگە كەمپۈت   سۇنغان قوللىرىمغا سۆيگەچ:
-رەھمەت قوزام، ئۆزىڭىز يەڭ تاتلىق قىزىم، مەن كەمپۈت يېمەيمەن -دېدى.
مەن دەرھال، تاتلىقلا ئىچىدىكى قاقنى ئېلىپ ئاپامغا تەڭلىدىم:
-ئەمىسە مانا بۇنى يېگىنە.
-ياق بالام، يېمەيمەن، بولدى ئۆزىڭىز يەۋېرىڭ شېرىن قوزام.
-نېمىشقا يېمەيسەن ئاپا؟
مەن قايتۇرۇپ سورىدىم.
-ئۆزىڭىز يەۋېرىڭ بالام، ئاپىڭىزنىڭ كېكىرتىكىدە   چويلا بار، يېسىمۇ ئۆتمەيدۇ-ئاپامنىڭ ئورنىدا سىرتتىن كىرگەن دادام جاۋاب بەردى.
مەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھېچنېمىگە قارىماي سەكرەپ قوپتۇم دە، ئاپامنىڭ بوينىغا ئېسىلدىم:
-قېنى؟ قەيەردە ئۇ نەرسە؟
دادام ئاپام تەڭلا قاقاقلاپ كۈلۈۋەتتى...
ئاكامنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرى ئىدى . قاتناش قولايسىزلىقى سەۋەبىدىن، ئايدا بىر  قېتىم ئۆيگە ئاران  قايتىپ كېلەلەيتتى. ئاكامنىڭ قايتىپ كېلىشى بىلەن ئۆيىمىز باشقىدىنلا قاينام تاشقىنلىققا چۆمەتتى. ھەر قېتىم تاماق پىشىپ ئالدىمىزغا كەلگەندە، خىيال ۋە ياشىلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ،  ئاكامنىڭ گېپىنى قىلىپ  سېغىنىپ ئولتۇرۇپ تاماق يەيدىغان ئاپام، ئاپامغا چىرايلىق تەسەللىي قىلىۋېتىپ، ئۆزىنىڭ كۆزلىرىدىنمۇ سېغىنىش ۋە مۇڭ تۆكۈلىدىغان دادام، ئاكامنى قاچان كېلەر دەپ يولغا نەچچە چىقىپ، ماشىنىلارغا تەلمۈرۈپ قاراپ كېتىدىغان مەن ۋە ھەدەم ھەممەيلەن شۇ كۈنى بايرام تەنتەنىسى قىلاتتۇق. ئاپام بىلەن دادام، ئۆزلىرى ئىيتقان  ھېلىقى "كېكىردەك چويلىسى"دا سۈزۈپ قويغان بارلىق ياخشى نەرسىلىرىنى، ھەدەم ئىككىمىزنىڭ ئۇلاردىن يوشۇرۇن ئاكامغا تىقىپ قويۇپ شۇ چاغدىلا چىقارغان نەرسىلىرىمىز بىلەن قوشۇپ دەستۇرخانغا تۆكەتتى. مەن بولسام دادام  ياكى ئاكامنىڭ قۇچىقىغا چىقىۋېلىپ ئەڭ ئالدى بىلەن ئېغىز تېگىشكە باشلايتتىم. بىر  كېچىلا قونغان ئاكامنى ئەتىسى دادام ئىككىمىز، خاڭدىن كۆمۈر توشۇۋاتقان قارا ماشىنلارنى  توسۇپ يولغا سالاتتۇق. شۇنىڭدىن كېيىن ئاپام داداملار، يەنە بىر ئاي داۋام قىلىدىغان "كېكىردەك چويلىسى" ھەرىكىتىنى باشلايتتى. بۇ ھال مەن ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ، ئازراق قۇلايلاشقان قاتناش شارائىتىدا،  ئىككى  ھەپتىدە بىر قېتىم، ئۆيگە قايتىۋاتقان چاغلاردىمۇ ئوخشاشلا داۋام قىلغانىدى. بۇ چاغدا بۇ تۆت  كىشلىك قوشۇنغا مېنىڭ ئورنۇمغا ئاكام ئالماشقان بولۇپ، ئۆزگىرىش شۇ يەردە ئىدىكى، ھەر قېتىم قايتقىنىمدا ئاكاممۇ دادام بىلەن تەڭ "كېكىردەك چويلىسى" قىلغان پۇللىرىنى ماڭا تۇتقۇزۇپ قوياتتى...
ئوقۇشۇم پۈتۈپ، خىزمەت ئىزدەپ سىرتلاردا  ئىشلەپ يۈردۈم. بۇ چاغلاردا مەنمۇ "كېكىردەك چويلىسى" نىڭ مەنىسىنى قىسمەن چۈشىنىپ،  ئۇلارغا ئانچە مۇنچە بىر  نەرسىلەرنى ئېلىپ قايتىدىغاننى  ئۆگىنىۋالدىم. مەن ئېلىپ بارغان كىچىككىنە نەرسىلەردىن ئالەمچە خۇشاللىق تۇيغۇسىغا  چۆمۈلىۋاتقان دادام، ئاپام ۋە قېرىنداشلىرىمدىن تەسىرلىنىپ:
- بۇ ھۈنەرمۇ بولىدىغان ھۈنەركەن دەپ ئويلايدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم...
دادام- ئاپام، بارغانچە ياشىنىپ باردى، مەنمۇ ھېلىقى ھۈنىرىمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ كېتىۋەردىم . بۇ   چاغدا مەن شۇنى تولۇق ھېس قىلدىمكى ئاتا ئانا، ئۆز مېھرى مۇھەببىتى، ئۆزنىڭ مىننەت-تاماسىز  مېھنىتى ئارقىلىق، ئۆز كېكىردىكىدە  شۇنداق گۈزەل  بىر  چويلىنى پەيدا قىلغان ئىكەن.
دادام تۈگەپ كىتىپ، تولا يىغلاپ ئانامنىڭ كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالدى .
مانا ئەمدى مېنىڭ "كېكىردەك چويلام"، ھەقىقىي قويۇقلاشتى. نېمىلا تاپسام قېرىنداشلىرىمغا ئوخشاش ئۆيگە  توشۇيمەن . ھەممىنى ئانامنىڭ ئېتەكلىرىگە تۆكۈپ شادلىق تاپىمەن .ئانامنىڭ: -ئۆزۈڭلارمۇ ئېلىڭلار بالام- دېگەن گەپلىرىگە:
- ماقۇل- دەپ قويۇپ، قاتتىق ،ناچارلىرىنى، ئادەتتىكىلىرىنى ئىلغاپ ئالىمىز دە:
-ئالدۇق مانا، سەن دېگەندەك  تەڭ بولسا تەنگە سىڭىدۇ ھە ئاپا- دەپ  قويۇپ قالغىنىنى ئانامغا  زورلايمىز. ۋە  ئانامغا قاراپ ئولتۇرۇپ:
-ئامان بولغىن  ئاپا بەختىمىز گە -دەپ شىۋىرلايمىز!
     

 مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى 

ئۈندىدار : 2041420589

مۇھەرىر باھاسى : لىرىكىغا باي ، تىلى ئاددىي ، تىتىملىق يىزىلىپتۇ . يىڭىلىق بار 





96 قېتىم كۆرۈلدى مەۋلۇدە ئىسرائىل ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-5-23 19:10:14  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ