يايرىم بۇگۈن تىلفۇن ئالمىدى( ئېقىن)

يايرىم بۈگۈن تېلفۇن ئالمىدى

 

ئەزىز ئەركىن《ئېقىن》

 

كۆرمەي سىنى ھەپتە ھەپتىلەپ،

 كىلىپ باقماي ئۆيگە پەتىلەپ.

 ئاناڭ باقار سىنى پەپىلەپ،

 يايرىم بۈگۈن تېلفۇن ئالمىدى.

 

 ئىشلىگەچكە يىراق يىزىدا،

 كىرەلمىدىم ۋاقتى ۋاقتىدا.

 ئويلاپ قىلىپ سىنى گاھىدا،

 يايرىم بۈگۈن تېلفۇن ئالمىدى.

 

 قورساق ئىچىپ كوكىراپ كەتكەن،

 ئويدە نانلار كۆكىرىپ كەتكەن.

 كىيىم كىچەك مايلىشىپ كەتكەن،

يايرىم بۇگۇن تېلفۇن ئالمىدى،

 

 كىتپ بىرىپ تاغدا داۋاندا،

 ھەيدەۋىتىپ خوندا موتودا.

ئۇرۇپ باقسام ئالما تىلفۇندا،

 يايرىم بۈگۈن تېلفۇن ئالمىدى.

 

 ئۆيگە كىرسەم ئۆي ئىچى ۋەيران،

تۇرۇپ قالدىم بولۇپ مەن ھەيران.

 توپا كىرىپ تۇتۇپتۇ ماكان،

 يايرىم بۈگۈن تېلفۇن ئالمىدى.

 

 ئاڭلاپ قالدىم چايغا كتىپسەن،

تويغا ھەتتا باققا بىرىپسەن.

 ئويۇنغىمۇ راسا قىنىپسەن،

يايرىم بۈگۈن تىلفۇن ئالمىدى.

 

خوتۇن كىشى سەندەك بولامدۇ،

 توپا ئويگە باركەت قونامدۇ.

 تىلفۇنىڭغا ئۇچۇر كىلەمدۇ،

يايرىم بۈگۈن تېلفۇن ئالمىدى.

 

سىغىنىشنىڭ ئۆزى بىر يامان،

 دەپ باقتىڭمۇ بامۇ سىز ئامان.

ئويلىمامسەن كىلىدۇ ھامان.

يايرىم بۈگۈن تېلفۇن ئالمىدى.

 

 پوسكام 2016/01/03





189 قېتىم كۆرۈلدى ئەزىز ئەركىن ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-14 11:31:15  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ