بولما تەشنا پەرۋاز قىلىشقا
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)
بولما تەشنا پەرۋاز قىلىشقا،
تېخى بالدۇر يۇلۇپ قويۇشقا،
پەيلەرنىڭمۇ باردۇر ھەر خىلى،
ئالدىرمىغىن پەيلەر يولۇشقا.
بولما تەشنا پەرۋاز قىلىشقا،
چۈشلۈرىڭدە لەيلەپ ئۇچۇشقا،
قىرىلغاندا پەيلىرىڭ سېنىڭ،
بارالمايسەن ئاناڭ بېشىغا.
بولما تەشنا پەرۋاز قىلىشقا،
بارالمايسەن يارنىڭ قېشىغا،
ياتسىرىسا ئاشۇ پەيلىرڭ،
بارالمايسەن بالاڭ قېشىغا.
بولما تەشنا پەرۋاز قىلىشقا،
ئۇچۇپ بېرىپ،تىزرەك قونۇشقا،
يۈرەك قانداق چىدايدۇ دوستۇم،
ئۆز پىيىڭنى،ئۆزۈڭ قىرقىشقا.
بولما تەشنا پەرۋاز قىلىشقا،
دوسلىرىڭنى گۇمران قىلىشقا،
ياتسىرايدۇ پەيلەرمۇ گاھى،
كىلەلمەيدۇ ئىنسان قېشىغا.
بولما تەشنا پەرۋاز قىلىشقا،
چاتاق تېرىپ،قۇسۇر تېپىشقا،
قانداق چىدار يۈرۈگۈڭ سېنىڭ،
جان بالاڭنى يېتىم قىلىشقا.
بولما تەشنا پەرۋاز قىلىشقا،
كۈن ساناپلا مۇئاش ئېلىشقا،
ۋاقىت قىسقا،ئۆمۈر بەك چەكلىك،
خىيال قىلما يۇرتنى بۇزۇشقا.
بولما تەشنا پەرۋاز قىلىشقا،
ئەجىر قىلماي،گۈللەر قىسىشقا،
بالىلارغا ئەقىدە قىلغىن،
يۈرۈش قىلغىن ئىلىم-ئېرپانغا.
بولما تەشنا پەرۋاز قىلىشقا،
جاپا چەكمەي،ئۈنۋان ئېلىشقا،
ئادا قىلغىن بۇرچىڭنى دوستۇم،
ئىشچان باغۋەن،قالتىس بولۇشقا.
بولما تەشنا پەرۋاز قىلىشقا،
ساختا نامنى قوغلاپ ئېلىشقا،
مۇقۇملۇقنى كۈيلىگىن دائىم،
ئىناق جەمئىيەت تېزدىن قۇرۇشقا.
بولما تەشنا پەرۋاز قىلىشقا،
بىكار نان يەپ،شەرەپ قۇچۇشقا،
ئېچىرقىدى سەبى بالىلار،
چىققىن دوستۇم مۇنبەر قىشىغا.
بولما تەشنا پەرۋاز قىلىشقا،
قۇرۇق گەپنى ئېلىپ سېتىشقا،
ۋەتەن ئۈچۈن تىرىشقىن،ھارما،
سوتسىيالىستىك ئۇلۇغ قۇرلۇشقا،
بولما تەشنا پەرۋاز قىلىشقا،
ھەقىقەتكە سۈكۈت قىلىشقا،
سۆيگىن ئانا ئېلىڭنى دوستۇم،
قورۇقمىغىن قۇربان بولۇشقا.
57 قېتىم كۆرۈلدى | تۇرغۇن راخمان( كەمتەر) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-1 0:27:12 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|