ئاشىق ھەسرىتى
ئابلىمىت ئوسمان (مەرىپەت ئوغلى)
تۇنجى قىتىم كۆرگەندە سىنى،
يۈرۈكۈمنى قىلدىڭ سەن قامال.
ئەسىر بولدۇم ئىشقى ئوتۇڭغا ،
ۋىسالىڭغا يوقتۇر ھىچ ئامال.

ئۇنتاي دىدىم ھىچ ئۇنتالمىدىم،
ئىلاجىم يوق ئەسلەشتىن بۆلەك.
دىدارىڭنى كۆرەلمەي جانان .
ئازابىڭدا قىينالدى يۈرەك .

ئۇزۇن كوچا، جىمجىت كېچىلەر،
پەقەت ھەمرا كۆكتە تۇلۇنئاي.
ھەسرىتىمدە كۆزدىن ئاقار ياش،
غېرىبانە قالدى كونا جاي .

كۈلگەندىكى ئوماق كۆزلىرىڭ ،
ئوغۇرلاپتۇ يۈرەكلىرىمنى .
مەيىن شامال ، كۈيچى قۇشلاردىن،
ئاڭلا سۆيگۈ تىلەكلىرىمنى.

راسىت دەپتىكەن ئەجەپ كونىلار،
كۆيگىنىڭدىن كۆنگىنىڭ يامان.
ساڭا كۆيۈپ كۈنۈپ قاپتىمەن.
ۋىسالىڭغا يەتكۈزگىن جانان.
| 152 قېتىم كۆرۈلدى | maripatoghl | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-3-26 22:32:58 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|