روبائىيلار
ئېزىزتۇرسۇن خەنجەرى
ھەجەپ تىز بولماقتا تۇرمۇش رېتىمى،
ئازقالدى ئىگىلمەس ئەركەك تېقىمى،
بەلنى چىڭ باغلىغىن،كۈن تېخى ئۇزۇن،
ئاققۇزۇپ كەتمىسۇن ھايات ئېقىمى...
************************
ئېغىزدىن ئادەمگە رىيازەت يىتەر،
ئېغىزنى قۇيىۋەتسەڭ كىلىدۇ خەتەر،
ئېغىزدىن چىققۇچە گىپىڭنى باشقۇر،
گەپ سىنى باشقۇرسا ھالىڭدۇر بەتتەر...
***********************
تۆمۈرنى يۇمشاتماق ئەمەستۇر ئاسان،
ئاتەشتە كۆيدۈرۈپ تىگىدۇ بازغان،
سەندەل ھەم بازغانمۇ تۈمۈردىن بولغاچ،
«تاڭ-تۇڭ» قىلغىنى شۇ،دىگىنى ۋايجان...
************************
قالدۇراي دىسەڭ گەر بىرئەسەر يېزىپ،
ئۆمرۈڭنىڭ مەنىلىك يىرىدىن قىزىپ،
ساقلانغىن،ئالدىراپ شىئىر يازمىغىن،
سەرەڭگە قېپىدەك ھەرىپنى تىزىپ...
2016-يىلى 5-دىكابىر
      
| 142 قېتىم كۆرۈلدى | margimux | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-19 23:59:17 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
| 
 تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
 
  	www.yazghuqilar.com 
  	新ICP备15002323号 
  	
    
 |