كۆرگىلى كىلىمەن كۆيگىلى ئەمەس
ھوشۇر ئامىرجان ئاتەشى
يار سېنى ئىزدەپ مەن يىراق -يىراقتىن ،
كۆرگىلى كىلىمەن ، كۆيگىلى ئەمەس !
زوق ئىلىپ بىر غەمزە پەرى سىياقتىن ،
كۆرگىلى كىلىمەن ، كۆيگىلى ئەمەس !
بۇرۇنقى ئاشىقلىق بولمايدۇ ئەمدى ،
ھارغاندۇ يۈرەكمۇ ، ئۇخلايدۇ ئەمدى ؟!
كۈن -تۈنمۇ تەڭلىشىپ توختايدۇ ئەمدى ،
كۆرگىلى كىلىمەن ، كۆيگىلى ئەمەس !
مۈمكىنمۇ تاڭ سەھەر كىرىپ ، كىلىشىم ؟
ئات سىلىپ يايلاقتىن چېپىپ كىلىشىم ؟
سەن ئۈچۈن سەۋداغا پىتىپ قىلىشىم ؟
كۆرگىلى كىلىمەن ، كۆيگىلى ئەمەس !
قولۇڭدىن ئۇچقان بەخت سېنىڭكى ئەمەس ،
سەنمۇ يات ھېچقاچان مېنىڭكى ئەمەس .
ئىبلىسمۇ سەن كەبى يالغانچى ئەمەس ،
كۆرگىلى كىلىمەن ، كۆيگىلى ئەمەس !
يوق ئەمدى خاتىرەمدە مۇبارەك نامىڭ ،
ئوۋىقى قالمىدى بىز ياققان شامنىڭ .
ئاشىقى بوپتىمەن ۋىجدانى كامنىڭ ،
كۆرگىلى كىلىمەن ، كۆيگىلى ئەمەس !
بەس ئەمدى سۆيمەيمەن شاتۇت بولساڭمۇ !
كانلارنىڭ ئىسىلى ياقۇت بولساڭمۇ !
ئېشقىمدا كۆيگۈچى بىر ئوت بولساڭمۇ !
كۆرگىلى كىلىمەن ، كۆيگىلى ئەمەس !
| 52 قېتىم كۆرۈلدى | ejran | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-30 1:50:12 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|