كىتاب
ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرە تېكىن
كىتابقا باغلانسا ئۆمۈر, ھاياتىڭ،
تۇزماس بىر ئۆمۈر ھايات باھارىڭ.
قارغىشى تۇتىدۇ بىر كۈنلەر كېلىپ،
كىتاپسىز ئۆتكۈزگەن ھەر سائىتىڭ.
كىتاپ-ئۇ ئىنسانغا مەنىۋى ئۇزۇق،
كىتابنى دوس تۇتساڭ تاڭلىرىڭ يۇرۇق.
كىتاپ-ئۇ خورىماس,چىرماس بايلىق،
ئۇ قويماس ھەرگىز قوللۇرۇڭ قۇرۇق.
كىتابدىن ياتلاشقان ئەقىلى داتلاشقان،
كىتابسىز ئۆمۈرنىڭ نەرى قاملاشقان.
كىتاپسىز ئەلمىساقتىن قايسى كىشى،
شاتلىنىپ ئۆمۈرنى گۈلدەك ياشناتقان.
كىتابدىن يۇرۇيدۇ دىلنىڭ تۈنلىرى،
كىتابدا كۈيلىنەر سۆيگۈ كۈيلىرى.
بولسىمۇ پادشاھ ۋە ياكى گاداي،
كنتاپدىن قادىلۇر ھۆرمەت گۈللىرى.
61 قېتىم كۆرۈلدى | abdu4745 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-22 1:18:35 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|