ئەبەيدۇللا ئىبراھىم


 

ئەبەيدۇللا ئىبراھىم، 1951-يىلى چېرىيە ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 1976-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئەدەبىيات پاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەن. شۇندىن باشلاپ «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىدا مۇھەررىر، باش مۇھەررىر، جۇڭگو قەرەللىك ژۇرناللار جەمىئىيىتىنىڭ ھەيئىتى، جۇڭگو ياشلار گېزىت ـ ژۇرناللار جەمىئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمىئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى بولۇپ ئىشلىگەن. ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.

ئەبەيدۇللا ئىبراھىم 1965-يىلىدىن باشلاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. 1985-يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيىتىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن. «داغ»، «بوز دالا» قاتارلىق 18پارچىدىن ئارتۇق تۈرلۈك ژانىرلاردىكى كىتاپلىرى نەشر قىلىنغان. ئەسەرلىرى مەملىكەت ۋە ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك كۆپلىگەن مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.





1203 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-20 0:34:41  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-3-8 9:21:07 مۇھەممەت
يازغۇچىمىزنى ھەمەيلەن بىلسۇن ، رەھمەت سىلەگە قېرىنداشلىرىم
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ