ئېيىتقىنا گۈزۈلۈم قاچان كىلسەن

ئېيىتقىنا گۈزۈلۈم قاچان كىلسەن

 

 ئادىلجان ئېزىز ئۇچقۇن

 

 مىنى تاشلاپ كەتتىڭ يىراققا،

 دەرىت ئازاپقا ھىجران پىراققا،

رىشتىم باغلاپ ئۆتتۈم شاراپقا،

 ئېيتقىن گۈلۈم قاچان كىلسەن؟

 

 گەر يىقىلسام كىلىپ يۈلەمسەن،

ياكى مەنسىز سەنمۇ ئۆلەمسەن،

دەرتتە قىينالسام ياكى كۈلەمسەن،

 سېغندىم سىنى قاچان كىلسەن؟

 

 تۈن كېچىدە ئۇيقۇدىن بىدار،

ساقلاپ سىنى كۆز يۇمماي زىنھار،

 بۇ جاندىنمۇ بولدۇم مەن بىزار،

ئېيىتقىن ئەزىزەم قاچان كىلسەن؟

 

 ئۇتۇڭدا كۈيۈپ ئۆلسەم مەيلىمۇ،

 ياكى ساراڭ بۇلۇپ يۈرسەم مەيلىمۇ ،

 يۈرەكنى پىچاقتا تىلسام مەيلىمۇ،

 ئېيىتقىنا گۈزۈلۈم قاچان كىلسەن؟

 

 2016:01:06 23:59





91 قېتىم كۆرۈلدى adeljan1314 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-7 1:58:54  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ