بۈگۈن مىنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم
شىئېر
مۇھەببەت كۈيچىسى مۇھەممەتجان سامساق
بۈگۈن مىنىڭ تۈغۇلغان كۈنۈم ،
تولغۇنۇپ ئانامنىڭ تۇققان كۈنىدۇر ،
تەبرىكلەر ئالقىشلار بولسۇن ئانامغا ،
مىڭ ئۈلۈپ ئازاپلار يۇتقان كۈنىدۇر ،
شادلىققا تولماقتا تۇغۇلغان كۈنۈم ،
ھەر جايدىن ھەمنەپەس تىلەكلەر تۇلۇپ ،
دىكابىر ئايلىرى تۇرسىمۇ سوغوق ،
دوسلۇرۇم ئىللىتار كۆڭلۈمنى يۇرۇق ،
ئۈچىنچى دىكابىر كەپتۇ نازلىنىپ ،
تەۋەللۇت كۈنۈمگە بولسۇن مۇبارەك ،
تىلەكلەر ، ئانامنىڭ تۇغقان كۈنىگە ،
ساقلىق يار مەڭگۈگە بولسۇن مۇبارەك ،
دوسلۇرۇم تىلىگەن تىلەكلەر بىلەن ،
ساقايسا ئانامنىڭ ساقسىز بۇ تېنى ،
جەننىتى يار قىلغاي ، يەتمىگەي ئازار ،
دۇئا بىلەن ياشنىغاي مىسكىننىڭ جېنى ،
بوپتۇ - بۈگۈن مىنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم ،
شادلىق ھەم خۇشاللىق يار بولغان كۈنۈم ،
چېلىنغان ئۆمرۈمنىڭ نەغمىسى ياڭراق ،
چاقىرسا خۇش كۈلۈپ ماڭغان بىر كۈنۈم ،
ئۆتتى يىل تالاي قىش ، كەتتى ساقلىماي ،
ئۆمۈرنىڭ باھارىنى ئۇزاتقان كۈنۈم ،
نەۋقىران ياشلىقىم دىدار غەنىمەت ،
مەرھابا بۈگۈن مىنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم ،
تۇغۇلدۇم دۇنياغا ئارمانلار بىلەن ،
بۈيۈكلۈك تالاشماي زامانغا باقتىم ،
كۆزلىگەن نىشانغا يەتمىدىم بىراق ،
قىيدىدى بۇ ھايات سۈيىدە ئاقتىم ،
شۇندىمۇ دوستلۇرۇم قاچمىدى يىراق ،
مېھرىنى ئايىماي گۈل قىلىپ سۇندى ،
مەرھابا،بۈگۈن مىنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم ،
قۇت تىلىگەن يېقىنلاردىن كۆڭۈل سۈيۈندى ،
بۈگۈن مەن بەك خۇشال ، ئالەمچە خۇشال ،
چۈنكى مىنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمدۇر بۈگۈن ،
ھاياتنىڭ جۇلاسى قىلسۇن تەبەسسۇم ،
كۆڭۈللەر گۈلزارلىغىدا قالمىسۇن تۈگۈن ،
دوسلۇرۇم سىلەردىن سۈيۈندۈم بەكمۇ ،
تىلىگەن تىلەكتە چوڭ بولدۇم بىر ياش ،
كۈمۈلگەن ئارزۇلار سۈرسۇن ئەمدى بىخ ،
تۇغۇلغان كۈنۈمدە كۈلسۇن ھەممە ياش ،
بەخىتلەر تىلەيمەن بارچە دوسلارغا ،
تۇغۇلغان كۈنۈمدە ئالقىشقا چۆكتۈم ،
يار بولسۇن ئامەتلەر ھەممىگە بۈگۈن ،
سۈيۈنگەچ قەلبىمنى قەلەمدە تۆكتۈم ،
تۇغۇلغان كۈنۈمگە مۇبارەك بولسۇن ،
ھەممىمىزنىڭ بۈگۈنى ئارزۇغا تولسۇن ،
ھەمراھ قىلىپ مېھىرنى ياشايلى ئىناق ،
بەخىتنىڭ ئەنقالىرى شاھ بۇلۇپ قونسۇن ،
2016-12-3
ئاپتۇرى-ئاقسۇ شەھەر قارتال بازىدىن مۇھەممەتجان سامساق
تىلفۇن ئالاقە ئۈندىدار 15599755288
| 182 قېتىم كۆرۈلدى | مۇھەممەتجان سامساق | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-3 9:14:53 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|