ئىككىمىز (غەزەل) - ئېلىجان ئابدۇكېرەم

ئىككىمىز
(غەزەل)
ئېلىجان ئابدۇكېرەم (بارچۇق ئوغلى)

ئامرىقىم چەكمە پىغان، گۈلدەك  ياشايلى ئىككىمىز،
ئول ھايات مەنزىلىگە  كارۋان سالايلى ئىككىمىز.

جۇت،شىۋىرغاندا تۇرۇپ مەزمۇت ئۆسەيلى كۆك تامان،
تاغدىكى قارغاي كەبى كۆكلەم ياسايلى ئىككىمىز،

بۇ ھاياتلىق نېمىتى بىزلەر ئۈچۈن بىر مۆجىزە،
ئەجرىمىزدىن تەر تۈكۈپ مەنزىل ئاشايلى ئىككىمىز.

بىز ئۈچۈن بىرگە ياشاش پۇرسەت ئەگەر تۇتساقلا چىڭ،
تەندە جاننىڭ بارىدا ۋىسال تاپايلى ئىككىمىز.

بەخت ۋىسال پەيتىنى ئېپ قاچمىسۇن تەقدىر پەلەك،
چىن ساداقەت بېغىغا، قورغان ياسايلى ئىككىمىز.


2017,,2,,4
     





50 قېتىم كۆرۈلدى dlkax ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-28 16:05:42  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ