دادامنىڭ قولى
ھوشۇر ئامىرجان ئاتەشى تاجىك
پۇلاتتەك تاۋلايدۇ دادامنىڭ قولى ،
ئۇنىڭدا ھاياتنىڭ غۇربىتى ئايان .
بالقىيدۇ تەپتىدىن قەتئىيلىك كۆيۈم ،
سۆيگەندەك قولىغا يۇلتۇزلۇق ئاسمان .
تۇرمۇشنىڭ تاتۇقى ياقايماس يارا ،
ئۇ قاپلاپ تۇرىدۇ ئىچى -تىشىنى
ئەبەددى دۇنيانى تەرك ئەتكەن بىلەن،
ئۇنتۇپ قالمايمەن قىلغان ئىشىنى .
دادامنىڭ قولىغا ھۇرمىتىم چەكسىز ،
ئۇنىڭدا بەخىتنىڭ گۇھىرى كۆمۈك .
ئۇپرىغان بىلەنمۇ ئۇ يەنە گۈزەل ،
چاقنايدۇ ئۇنىڭدىن ھالالىق ، ئۆزلۈك .
ئۇ بەختىم گۈلتاجى ، ئۈنى پۈتمەس كۈي ،
ياڭرايدۇ تاغلارنى تىترىتىپ ھەيۋەت .
كىمنىڭمۇ بولمىغان نەۋقىران چېغى ؟
دادىنىڭ قەدرىنى بىلمگەن پەقەت !
| 96 قېتىم كۆرۈلدى | ejran | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-7 14:31:47 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|