بۇ ئۆمۈر دىگەن چەكلىك - ئېلىجان ئابدۇكېرەم

بۇ ئۆمۈر دېگەن چەكلىك.

ئېلىجان ئابدۇكېرەم  ( بارچۇق ئوغلى )

ئىلىنىڭ داۋانىدىن ،
ئۇچۇپ كەتتى ئەجەب كەكلىك.
ياش تۆكمەيلا ئازابقا،
بۇ ئۆمۈر دېگەن چەكلىك.

قانچە قىلساق ۋاپا يوق،
قان يۈرەككە داۋا يوق.
ئۆتۈپ كېتەر سادا يوق،
بۇ ئۆمۈر دېگەن چەكلىك.

ئۆچۈپ كېتەر ئاي يۇلتۇز،
بىزنى قالدۇرۇپ يالغۇز.
ئەجەلدىگەن رەھىمسىز.
بۇ ئۆمۈر دېگەن چەكلىك.

ھايات كەتسە كەلمەيدۇ،
بىزنى ساقلاپ تۇرمايدۇ.
خوش دېمەيلا كېتەر ئۇ،
بۇ ئۆمۈر دېگەن چەكلىك.

ناخشا تېكىستى ئىشلەتكۈچىلەر ئاپتور بىلەن ئالاقىلىشىڭ

 ئۈندىدار: 2318334127

     





55 قېتىم كۆرۈلدى dlkax ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-10 1:17:50  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ