سۆيگۈ مەكتۇپى (شېئىر) - تاھىرجان ھېيىت مەجنۇن

سۆيگۈ مەكتۇپى
تاھىرجان مەجنۇن

يولۇدۇم  ساڭا سۆيگۈ مەكتۇپى،
سۆيۈملۈك  رەنا  گۈزەل  دىلبەر.
ئاشىق ئوتلىرى  ياندى يۈرەكتە،
سۆيگۈ سورايمەن كۆڭلۈڭنى بەر.

ئەي  دىلبەر گۈزەل  دىلبەر  ماڭا جاۋاب بەر،
ئاھ يۈرىكىمگە بەرمە ئازاب ھەسرىتىم يېتەر.
ساڭىلا كەتتى پاك قەلبىمدىن سۆيگۈ مەكتۇپى،
ياخشى ئويلان ماڭا قايىتسۇن خۇشلۇق جاۋابى.

سەن  بولساڭ  ماڭا  ئەي  گۈزەل  دىلبەر،
بۇ  مېنىڭ  تۈگىمەس  ئۆمۈرلۈك   بەختىم.
ھالال  جۈپتىم  قىلىپ  قەدىرلەپ  ئۆتۈش،
سەن  ھاياتىم مەلىكەم  تاجۇ   ۋە  تەختىم.

ئايدىن گۈزەل بىر قىزسەن گۈزەل ئەي دىلبەر،
سېنىڭ قىلغىن سۆزلەرىڭ  ھەسەلدەك شېكەر.
تەغدىر  قىسمەت   قوشۇلسا سۆيگۈ  ۋىسالى،
باغلىرىمىزدا   ئېچىلار    رەڭدار   چېچەكلەر.

تېكىست ئاپتورى.باي خەلق ئوغلانى تاھىرجان ھېيىت مەجنۇن
ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ نامسىز تارقاتماڭ!
ئىشلەتسىڭىز ئاپتور بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
تېلېفون ئۈندىدار. 13150331763
2016 يىلى 10 - 14 - كۈنى يېزىلغان
     





34 قېتىم كۆرۈلدى majnuntal ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-27 7:46:21  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ