يېنىمدا سەن يوق

يېنىمدا سەن يوق

 

 ئ‍ېلى ئ‍ابدۇكىرەم دىلكەش

 

يالغۇزلۇقۇم ئ‍ەجەپمۇ چاندى،

 بۇ قەلبىمدە ھىجران ئ‍ورۇن ئ‍الدى.

 سىنى كۈتۈپ جېنىم قىينالدى،

سۆيگەن يارىم يېنىمدا سەن يوق.

 

 قەلبىمدە سەن بار يېنىمدا سەن يوق،

 كۆڭلۈم ۋەيرانە دىلدا شادلىق يوق.

 ئ‍ەسلەيمەن دائىم خۇشال كۈنلەرنى،

 يۈرەگىم، پارەم يېنىمدا سەن يوق.

 

ھىچ بىلمىدىم كىلەرسەن قاچان ،

سىنى كۈتۈپ چىكمەن پىغان .

دەردۇ ھالىمغا سەندىلا دەرمان،

 مەن دەرت لەردىمەن يېنىمدا سەن يوق.

 

 سېغىنىش بىلەن ئ‍ۆتىمەن سەنسىز ،

 پاك بۇ قەلبىمدە سەندىن بۆلەك يوق.

 ئ‍ارمانىمدۇر ۋەسلىڭگە يىتىش،

 كۈتەرمەن سىنى يېنىمدا سەن يوق.

 





181 قېتىم كۆرۈلدى dlkax ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-2-7 15:39:08  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ