ئۇنتالمىدىم (شېئىر)
پاتىگۈل ئاخۇنقارى
كىم ئېيتىپتۇ ئۇنۇت دەپ پەرمان ،
قەلبىم بۇنىڭغا كۆتۇرەر ئېسيان .
ئۇنتۇش شۇنچە ئاسان بولسا گەر ،
بۇ يۈرەكلەر قىلمايتى غەليان .
كۆيگەن ئۆزۇڭ ،سۆيگەن ئۆزۇڭ ،
ئېغىر كەلدى يالغان سۆزۇڭ .
مەندىن كېچىپ كەتتىڭ يىراق ،
خاتا كۆردى سېنىڭ كۆزۇڭ.
كىملەر ئاڭلار بۇ دەردىمنى ،
دەرتتە قويۇپ كەتتىڭ مېنى .
ئۇنتۇش ئېغىر كەلدىغۇ ماڭا ،
سۆيگەن ئىدىم يۈرەكتىن سېنى .
دەرتتە قالغان ھەممىدىن يامان ،
بولدى ئەمدى تۈگىدى تامام .
ئۇنتۇش ئۈچۈن يازغان خېتىمنىڭ ،
تۈنجى سۆزى سۆيۇمەن ھامان .
| 35 قېتىم كۆرۈلدى | پاتىگۈل ئاخۇنقارى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-4-2 0:27:19 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|