ئىچىڭ-تېشىڭ ئوخشىسۇن (شېئىر) - تۇرغۇن راخمان

ئىچىڭ-تېشىڭ ئوخشىسۇن
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)

ئالدىمىغىن دوستۇڭنى،تىلىڭ بىر خىل سۆزلىسۇن،
باھا بەرمە ئالدىراپ،دىلىڭ نۇرلۇق پارلىسۇن،
قەدىرلىگىن ئۆزۈڭنى،ئەقىدىدە تېرىشقىن،
قۇسۇر تاپما بىراۋدىن،كۆزۈڭ نۇرسىز بولمىسۇن.

تاتلىمىغىن دوستۇڭنى،تىلىڭ زەھەر بولمىسۇن،
ئاداش دىمە يالغاندىن،دوستلۇق گۈلى پۇرالسۇن،
ھەسەت قىلما دوستۇڭغا،ئويلاپ رەزىل شەخسىيەت،
پەردازلىما ئۆزۈڭنى،گۈزەلىكىڭ بىلىنسۇن.

تىلىڭ دىلىڭ ئوخشىسۇن،كۆڭلۈڭ قارا بولمىسۇن،
بىلىم ئالغىن،تېرىشقىن،يولۇڭ پارلاق ئېچىلسۇن،
بېغىشلىغىن بارىڭنى،تەربىيەلەپ ئەۋلادنى،
سۇغۇرۇپ تۇر گۈلۈڭنى،گۈلۈڭ توزۇپ كەتمىسۇن.

ئىللىق بولۇپ جەمئىيەت،ئىتتىپاقلىق چاڭقىسۇن،
بەخت،ئامەت يار بولسۇن،تېرىشچانلىق ئۇرغۇسۇن،
قول تۇتۇشۇپ دوستلۇشۇپ،ھەمكارلىقنى ئويلايلى،
ئىناقلىقنى كۈيلەيلى،ئېچىڭ-تېشىڭ ئوخشىسۇن.
     





56 قېتىم كۆرۈلدى تۇرغۇن راخمان (كەمتەر) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-16 0:26:46  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ