‹بۇ ئائىلىگە قاراڭ ›غا چاقچاق
رەخمەت ئابدىرشىت
قويدى كىنو بۇ ئائىلىگە قاراڭ دەپ ،
بوپتۇ ماقۇل ھەۋەس بىلەن قارىدىم .
يەنە قانچە يىڭى ئەرتىس چىقار دەپ،
كۈندە يىڭى ئەرتىسلەرنى سانىدىم .
مۇززەپپەركام ئىكەن ئەسلى يازغۇچى ،
لىكىن بىرە ئەسىرىنى كۆرمۈدۈم .
مانا ئەتە چىقىپ قالارمىكى دەپ،
ئاخىرغىچە ئۈمۈدۈمنى ئۈزمۈدۈم .
سانىيە دەم ئىكەن مەكتەپ مۇدىرى،
باشقۇرىدۇ شۇڭا ئۆينى مەكتەپتەك .
ئۆي تازلىقى بەكمۇ ياخشى مۇدىرنىڭ ،
كۆرۈنمەيدۇ شۇڭا ئۆيدە سۈۋەرەك .
شادىيەنىڭ ئۈگىنىشى بەك ياخشى ،
بۇلالمايدۇ ئارسلانغا يىتەكچى .
ئىلغارجانغۇ ئۈزى بەكمۇ تىرشچان ،
ئىككى ئوغول شۇ ئۆيدىكى چاتاقچى.
تاشاخۇنكام ئۆيگە قۇرۇق كىرمەستىن ،
ئۆيمۇ ئۆيدە باغاق تۇشۇپ يۈرىدۇ .
ئەركىن جىددى ئىكە شۇنچە ئالدىراش،
ئۇكەلسىلا مۇدىر قاپاق تۈرىدۇ .
بىر قوشنىسى باركەن توۋا ئۇلارنىڭ ،
ئۆيدە نىمە بولسا شۇنى سورايدۇ.
يەنە بىرسى كىرىپ بىكار بولسىلا،
ئۇنۇڭ بۇنۇڭ كەينىدىن گەپ كولايدۇ .
رۇقىيەدەم كىرىپ بەزەن ئۈيىگە ،
ئالغىنىنى كەيگىنىنى ماختايدۇ .
يالغان ئىيتماس بىراق ئۇماق بالىسى،
شۇندىمۇ ئۇ ئۆز ئۆزىنى ئاقلايدۇ .
كارتىنىسى بۇ تۇرمۇشنىڭ بۇ ۋەقە ،
كۆرسىتىدۇ ياخشى بىلەن ياماننى .
مۇئامىلە ياخشى بولسا ھەر ئىشتا ،
ئارىدىكەن تەڭرى بۇغداي ساماننى .