سىنىڭسىز ياشاشتىن ياخشى ئۆلمىكىم

سىنىڭسىز ياشاشتىن ياخشى ئۆلمىكىم

 

نۇرمۇھەممەت ئازغۇن

 

خىيال سۈرۈپ ھەركىچە تەنھا ئۆزۈم،

ئولتۇرىمەن نىمىشقا، ئىيتقىن نىمىشقا؟؟

بەرگىنىڭ شۇ ئازاپ، ۋە لىكىن يەنە،

سىغىنىمەن نىمىشقا، ئىيتقىن نىمىشقا؟؟


ئەي جانان مىنىمۇ ئويلىغىن ئازراق،

مىنىڭمۇ سىنىڭدەك گۆشتۇر يۈرىكىم.

سىنىڭسىز ھاۋامۇ مەن ئۈچۈن ھارام،

سىنىڭسىز ياشاشتىن ياخشى ئۆلمىكىم.


زارقىلما جامالىڭغا، كۆرسەت ۋىسالىڭ،

ياشنىسۇن يۈرەكىم سۆيگۈڭ شارابىدىن.

ياشايلى بولۇپ بىز پەرھات- شىرىندەك،

تارتىۋال مىنى بۇ ئىشىق ئازابىدىن.

 

نۇرمۇھەممەت ئ‍ازغۇن يازمىسى

ئاپتور ئۈندىدار: 787204543

2015*6*26

 





187 قېتىم كۆرۈلدى azghun ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-2-19 16:56:35  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ