سۆيمەكتىمەن سنى پىنھان يۈرەكتىن
ئوسمان ئابدۇللا (نازۇك)
سۆيمەكتىمەن سنى پىنھان يۈرەكتىن،
زەپ قينالدىم، ھىچ كشىگە ئيتالىماي .
سېغىنىشىم تىزار لېرىك، مۇڭ شېئىر ،
سۆيگۈ ئىزھار سۆزلىرىمنى ئيتالىماي .
ئاھ گۈلۈم،باغاشلاپ ئۆتتى سېغىنىش،
كۆرەلىمەي چھىرىڭنى ھالىم پەرىشان.
شۇندىمۇ كۆتەرمەن، زارىېقىپ سىنى،
منىڭ ئەس-خىيالىم،نىگار سەن تامان .
قانچىلىك زارىېقىپ كۈتسەم مىڭ رازى،
كۆمەرمەن قەلبىمگە چەكسىز ئەلەمنى .
پۈتەرمەن سەۋرىمدىن سۆيگۈ قەسيدە،
چاپتۇرۇپ ئىلھامغا، غەمسز قەلەمنى.
جانانغا تەلىمۈرۈپ ئۆتەر كۈنلىرىم ،
ئۇ ئۆتەر يوللاردا كۈتەرمەن داۋام .
ھىچكىمگە ئيتالىماي ئاھۇ-زارىمنى،
دىل كۆيەر قوقاستا، تاپالىماي ئارام.
كۈتۈشلەر ئىلىكىدە بەزلەپ ئۆزۆمنى،
سەۋىرىن گۈل دەستە تىزىمەن ساڭا.
بىلەمسەن؟ ئشقىڭدا كۆيگنىم ئۆزۆڭ،
ئامىرغىم قەلبىڭدىن ئورۇن بەر ماڭا.
بۇ سۆيگۈم ھەقىقى،كەل قولۇڭنى بەر،
يەتكۈزەي ئارزۇيۇڭ، ئارمانلىرىڭغا .
بولسا غەم ئچىڭدە ، ئيتىقىن بىر ماڭا،
مەن يىتەي دەردىڭگە، دەرمانىلىرىڭغا.
سۆيىمەن كۈلكەڭنى، ئارمانىلىرىڭنى،
بىر سىنى كۈتەرمەن بۇ يولدا ھامان .
يەتكۈزگىن ، پىقىرىڭ تەشنا ۋىسالغا،
ھەممدىن ۋسالسز كۆيگەنكەن يامان.
2017-يىلى 9-ئاپىرىل (قارىتاغىز)
97 قېتىم كۆرۈلدى | ئوسمان ئابدۇللا (نازۇك) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-10 10:26:56 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|